دۇنيادا يېمەك باھاسى ئۆرلەۋېرىپ 44 مىليون ئادەم نامراتلىققا يۈزلەندى

دۇنيا بانكىسىنىڭ 14‏-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۇنيادا يېمەك باھاسى بۇلتۇر 6‏-ئايدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 36% ئۆرلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.04.16

بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي، قوناق، قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىقنىڭ باھاسى 70% ئۆرلىدى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيا مىقياسىدا 44 مىليون ئادەم نامراتلىققا يۈزلەندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن يېمەك باھاسىغا قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىلمىسا، يېمەك باھاسى يەنە 10% ئۆرلىسە، دۇنيادا تۇرمۇش سەۋىيىسى 1.25 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئەڭ تۆۋەن سىزىققا چۈشۈپ قالغان ئادەم سانىغا يەنە 10 مىليون ئادەم قوشۇلىدۇ.

دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى زولىكنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە، ئاساسەن، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدا يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبچى بولدى. ئاشلىق ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەردە تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ، ئېكسپورت مىقدارى ئازلاپ كەتكەنلىكىمۇ بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا، يېمەك مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، نامرات ۋە ئاجىز ئادەملەر توپىنى قوغداش، ئاشلىق ئېكسپورت قىلىشنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئۆسۈملۈكلەردىن يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش، دېھقانچىلىققا سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش، يېڭى تېخنىكا قوبۇل قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.