ئاقساراي باياناتچىسى يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىدى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.04.06
2011.04.06
جاي كارنېي باياناتىدا مۇنداق دېدى: يەمەن خەلقى تىنچ يوسۇندا نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. بىز پرېزىدېنت ئېلى ئابدۇللاھ سالېھنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، ئۇنىۋېرسال ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىپ، سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلىگەن يەمەن خەلقنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى.
جاي كارنېي باياناتىدا يەنە، يەمەن ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق ئىشلەتكەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى.
مىسىر ۋە تۇنىستىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، نامايىش يالقۇنى يەمەن، بەھرەيىن ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تۇتاشقان.
ھالبۇكى يەمەن ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نامايىشلار ھېلى ھەم داۋام قىلماقتا.