جاڭ چۈنشەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى ماختىدى

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى باشلاپ كەلگەن ئۆمەكنى قارشى ئالغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىش دەپ ئاتالغان خىزمەتتە قوللانغان يېڭى تەدبىرلىرىنى ۋە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ماختىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-07-21
Share

ياڭ جېچى ئۇنىڭغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش ئىستېراتېگىيىسىنى ئەمەلىلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، چېگرىدىن چىقىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە قوللانغان يېڭى تەدبىر ۋە تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان شەپە ژۇرنىلى خىتاي مەركىزى كومىتېتى بۇ يىل 4 - ئايدا يېڭىدىن بەلگىلىگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سېكرىتارى جاڭ چۈشەننى قوي تېرىسىگە ئورىلىۋالغان بۆرە دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت