نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سەھىبە سايرامئوغلىنىڭ تىۋىتتىردا خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ قۇمۇلدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بورتالالىق ئىنىسى قۇددۇس ئابدۇۋەلى 10-ماي يەنى جۈمە كۈنى قۇمۇلدا سوتلانغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قۇددۇس ئابدۇۋەلىنىڭ قۇمۇل ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە يېرىم يېپىق ھالدا سوتلانغانلىقى ۋە 5 يىل 4 ئايلىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى.
10 ئايدىن بېرى قۇمۇلدا تۇتقۇندىكى ئىنىسى قۇددۇس ئابدۇۋەلىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىپ تۇرغان سەھىبە سايرامئوغلى ئۆتكەن ھەپتە، ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتى بورتالادىن قۇمۇلغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئىنىسى ھەققىدە بىرەر ياخشى خەۋەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇرغان سەھىبە، ئاتا-ئانىسىدىكى ئېھتىياتچانلىق سەۋەبىدىن ئىنىسى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ 10-ماي يەنى جۈمە كۈنى ئىنىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ شۇ كۈنى سوتلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن بورتالاغا ئىنىسى ئالماي قايتقانلىقىنى ئۇقۇپ ئىنىسىنىڭ سوتتا كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئەمما يەنىلا يىل كېسىمىدىن خەۋەرسىز قالغان.
بىز بۇ سوت ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قۇمۇلنىڭ ئىۋىرغۇل رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، بىزنىڭ بۇ دېلو ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ھوقۇقىمىز يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سەھىبەنىڭ دېيىشىچە، ئىنىسى بىر پۇتبول ھەۋەسكارى بولۇپ، ۋاقتىنى ئاساسەن پۇتبول ئويناش ۋە پۇتبول خەۋەرلىرىنى كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن، جەمئىيەتتىكى جىددىي ۋە نازۇك مەسىلىلەردىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەن بىرى ئىكەن. شۇڭا ئۇ ۋە ئائىلىسى قۇددۇسنىڭ بىر ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن تۇتۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، تېز ئارىدا قويۇپ بېرىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن. ئەمما نەتىجە ئۇلار كۈتكەندەك بولمىغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇمۇل ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمى، قولىدىكى ئارخىپلارغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، قۇددۇس ئابدۇۋەلى ئۈستىدىن جۈمە كۈنى سوت ئېچىلغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما قۇددۇسنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. تېلېفونىمىزنى ئىككىنچى قېتىم قوبۇل قىلغان ئېۋىرغول رايونلۇق سوت خادىمى، قۇددۇسنىڭ سوتلىنىش جەريانى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ سوتنىڭ ئوتتۇرا سوتتا ئېچىلغانلىقىنى دەلىللىدى.
سەھىبەنىڭ پەرەز قىلىشىچە، سوتتا ئادۋوكات بولمىغان. ئانىسى سوت ئاخىرىدا قۇددۇس بىلەن 1-2 مىنۇتچىلا سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن، دادىسىغا بۇ پۇرسەت بېرىلمىگەن.
قۇمۇل ئوتتۇرا سوتنىڭ بىر خادىمى، قۇددۇس ئابدۇۋەلى ئۈستىدىكى بۇ سوتنىڭ يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، شۇڭا قۇددۇس ئابدۇۋەلىنىڭ كېسىلىش سەۋەبى ۋە كېسىم مۇددىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
سەھىبە ئاتا-ئانىسىنىڭ رەڭگى-روھىيدىكى ئالامەتلەرگە قاراپ ئىنىسىنىڭ كېسىم مۇددىتىنى پەرەز قىلىشقا تىرىشقان، پەقەت ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.
قۇمۇل شەھەرلىك قاماقخانىنىڭ بىر خادىمى قۇددۇس ئابدۇۋەلىنىڭ 6 يىللىق كېسىلگەنلىكى، ئۇنىڭدىن ئاۋۋال سوتلانغان قەيسەر ئىسىملىك بىر دوستىنىڭ بولسا، 5 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئۆتكەن يىلى ئاخىرقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، قۇددۇس ئابدۇۋەلىنىڭ قۇمۇل ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىكى بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار سادىر قىلغان بىر سىرلىق «چوڭ دېلو» غا چېتىلغانلىقى، دېلوغا چېتىشلىق ياشلارنىڭ 50-60 چە بارلىقى مەلۇم بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ دېلوغا چېتىلغانلار، بورتالا، قارىماي، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەر ۋە ۋىلايەتلەردىن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سوتسىز ياكى يېپىق شەكىلدىكى سوت ھۆكۈملىرى بىلەن تۈرمىلەرگە تاشلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت قۇددۇس بىلەن قەيسەر ئىسىملىك بىر دوستىنىڭ سوتىلا يېرىم يېپىق شەكىلدە، يەنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەنلا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇلاردىن بورتالالىق ياش ئىنتىزارنىڭ سوتىنىڭ مۇشۇ چارشەنبە ياكى پەيشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا يەنە بۇ دېلوغا چېتىشلىق ياشلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىنتېرنېتتا تامدىن ئاتلاش ۋە قانۇنسىز ماتېرىياللارنى كۆرۈش سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان، ئەمما دېلودىكى كۆپىنچە ياشلارنىڭ، بولۇپمۇ غوللۇق گۇماندارلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى تا ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.