ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «قۇللار ئەمگەكى» سەۋەبلىك بىڭتۇەننىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-03
Share
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «قۇللار ئەمگەكى» سەۋەبلىك بىڭتۇەننىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىدى بىر دېھقاننىڭ ئېتىزدىن پاختا تېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 1-نويابىر، قۇمۇل.
REUTERS

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2-دېكابىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاراتقان جازالاش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىرىقىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان مەزكۇر يېرىم ئىشلەپچىرىش-يېرىم قوراللىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى كەڭ كۆلەملىك «قۇللار ئەمگەكى» گە سېلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قارار تەمىنات زەنجىرىدىكى بىڭتۇەن ئىشلەپچىقارغان پاختىنى ئىشلەتكەن باشقا شىركەتلەرگىمۇ ئىجرا قىلىنىدىكەن. بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جازالاش، بېيجىڭغا قارشى پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى قارارلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇنىڭدا ئامېرىكاغا كىرگەن ھەرقانداق پاختا مەھسۇلاتى بىڭتۇەن پاختىسىغا چېتىشلىق، دەپ قارالسا، ئامېرىكا تاموژناسىدا تۇتۇپ قېلىنىپ، پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىرىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىمىغۇچە قويۇپ بېرىلمەيدىكەن. 2-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى چاقىرغان تېلېفون ئاخبارات يىغىنىدا مۇۋەققەت مۇئاۋىن ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرى كېن كۇچىنەللى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنىڭ ئامېرىكا سىستېمىسىنى كونترول قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىماقتا ئىكەن. كېن كوچىنەللى مۇنداق دىدى: «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن 3 مىليونچىچە بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى رايوندىكى 1300 دەك لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇشتەك قورقۇنچلۇق تۇتقۇنىغا شاھىت بولماقتا. بۇ لاگېرلار قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش، قىيىن-قىستاق، داۋالىماسلىق، نامەلۇم ئوكۇل سېلىش، مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرى ئەمگەك، مېڭە يۇيۇش، جىنسى زىيانكەشلىك، باسقۇنچىلىق، دىنىي ئېتىقادىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلاشتەك كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنساننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە خىلاپلىق قىلىش ئورنىغا ئايلانغان.»

 

ئۇ يەنە خىتاي بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە كارخانىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن زور پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كېن كۇچىنەللى مۇنداق دېدى: «خىتاي بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى قۇللار ئەمگىكىدىن نەپكە ئېرىشىپ، ئۇنىڭدىن كىرىم قىلماقتا. نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىپ كەلدى. خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بىردىن-بىر ماكانى ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل لاگېرلارنى تىبەتتەك جايلارغىمۇ كېڭەيتىشكە باشلىدى. خىتاي كومۇنىستىك ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي يۆتكەپ، خىتاينىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى كارخانىلارنى ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەپ كەلدى.»

ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت كومىسسارى مارك مورگان، مەجبۇرىي ئەمگەك دۇنيادا مىليونلىغان كىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا دائىر يېتەرلىك ئۇچۇر بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دىدى: «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى تورىنىڭ تەشكىللىك خەلقئارا جىنايى گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىقى بار بولۇپ، يىلىغا 150 مىليارد دوللار كىرىمگە ئىگە. مانا بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قېلىشنى قارار قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى. بىڭتۇەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قورالى بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ نۇپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى، ئىگىلىكىنىڭ 17 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقىنى بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئورۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا دائىر يېتەرلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن چىقاردى.»

مارك مورگاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىپلا قالماي، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئادالەتسىز رىقابەتكە مەجبۇرلاپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان سالماقتا ئىكەن. مارك مورگان مۇنداق دېدى: «ھەر بىر ئامېرىكالىق ئىستېمالچى ۋە ھەر بىر ئامېرىكا شېركىتى خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى  ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن قاتتىق بىئارام بولۇشى كېرەك. مەجبۇرىي ئەمگەك كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپلىق قىلمىشىدۇر. مۇئاۋىن مىنىستېر كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئاجىز ئىشچىلار توپىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە مەجبۇرلاش خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىدە ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بىۋاستە تەھدىت سېلىپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئىشچىلارنى خورلاش ئارقىلىق ئەرزان باھالىق مەھسۇلات ئىشلەيدىغان ئورۇنلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە مەجبۇرلاپ كەلدى. تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئېلىپ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى داۋاملىق توسايدۇ.»

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ بىڭتۇەن پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارارى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىڭتۇەنگە يۈرگۈزگەن ئىمبارگوسى كۈچكە ئىگە بولۇشنىڭ ئاخىرقى قەرەلى 1-دېكابىر كۈنى توشۇپ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىندى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمبارگو قارارى ئەسلى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىجرا قىلىنىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 2 ئاي كېچىكتۈرۈلۈپ، 1-دېكابىرغا سۈرۈلگەن. بۇ قارار ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تاشقىي مۈلۈك ئىشخانىسىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمبارگو قارارى، دەپ قارالغان ئىدى.

ئامېرىكا ھوكۇمىتىنىڭ بىڭتۇەن پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ھەققىدىكى قارارى دەرھال كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئالى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىك شاجىۋېسكىنىڭ تەكىتلىشچە، بۇ قارار خىتايغا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئۇ 2-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: «ئەلۋەتتە، بىز بۇ قارارنى قارشى ئالىمىز. نۇرغۇن يىللاردىن بېرى بىڭتۇەننىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى بىر قورال بولۇپ كەلگەنلىكى ھۆججەتلەشتۈرۈلۈپ كېلىندى. بىڭتۇەن بىۋاستە بېيجىڭ تەرىپىدىن باسقۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20 پىرسەنت يەر-زېمىن، بايلىق ۋە سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلىۋالغان. ئۇنىڭ يەنە تەمىنات زەنجىرىدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. شۇڭا يۇقىرىقى قارار قارشى ئېلىنىشقا تېگىشلىك بىر قەدەم.»

ھېنرىك شاجىۋېسكىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قارار خىتاي ئاپپاراتلىرىغا ۋە كارخانىلىرىغا كۈچلىك سىگنال بەرگەن. ئۇ ئەمدى ياۋروپانىڭ ئامېرىكانى ئۈلگە ئېلىشىنى ئۇمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھېنرىك شاجىۋېسكى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالى. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياۋروپانىڭ ئۆز تەمىنات زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكىنى چەكلەپ، بۇنىڭغا ئوخشاش مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئامېرىكا تاموژنا-چېگرا باسقۇرۇش ئىدارىسى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق 5 ئورۇننىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن. بۇلار لوپ ناھىيەلىك 4-كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى، لوپ ناھىيەسىدىكى سانائەت باغچىسىنىڭ چاچ مەھسۇلاتلىرىنى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئىلى جوۋەن كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى، شىنجاڭ جۇڭغار پاختا-كەندىر رەخت چەكلىك شېركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ۋە خېفېي بىتلاند ئۇچۇر تېخنولوگىيە شىكىتىنىڭ كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

2-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا يەنە ئامېرىكا تاموژنا-چېگرا قوغداش ئىدارىسى سودا ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى كومىسسارى برېندا سمىس: «تاموژنا-چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىشى، خىتايدا غەيرى ئەخلاقى ۋە غەيرىي ئىنسانىي ئەمگەك شارائىتىنىڭ كەڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسىدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «ھالبۇكى، تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇنىڭغا كۆز يۇممايدۇ،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت