بۇ يىلى قازاقىستاندا قۇربان ھېيتىنى ئاممىۋى ئۆتكۈزۈش قەتئىي چەكلەنگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-08-04
Share

مەلۇمكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئالغاندىن بۇيان مۇسۇلمان ئەھلى ئولتۇراقلاشقان بارلىق شەھەر ۋە يېزىلاردا مەسچىتلەر سېلىنىپ، ئاھالىنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىغا ئەركىنلىك بېرىلگەنىدى. شۇ جۈملىدىن مەملىكەتنىڭ بولۇپمۇ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە، شۇنداقلا باشقىمۇ ۋىلايەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرگە دىنىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى. ئەنە شۇنداق بايراملارنىڭ بىرى قۇربان ھېيتىدا ئۇيغۇرلار باشقىمۇ مۇسۇلمان مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا مەسچىتلەرگە يىغىلىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇشنى، ئاندىن ناغرا ساداسىغا ئەگىشىپ، بىر-بىرىنى تەبرىكلەشنى ۋە ئۆيمۇ-ئۆي مېڭىپ ھېيتلاشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغانىدى. لېكىن بۇ يىلى دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بارلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قەتئىي چەكلەندى.

بۇ يىل قازاقىستاندا قۇربان ھېيت نامىزى 31-ئىيۇلغا توغرا كەلگەن بولۇپ، بايرام ئۆتكۈزۈش 2-ئاۋغۇستقىچە داۋام قىلىنىشى بەلگىلەنگەنىدى. بۇنىڭ ئالدىدا قازاقىستان مۇسۇلمانلىرى دىنىي باشقارمىسى كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلدە ئېلان قىلىنغان كارانتىن تەرتىپىنى ساقلاش مەقسىتىدە قۇربان ھېيتىنى ئاممىۋى بايراملاشنى مەنئى قىلدى. بۇ ھەقتىكى بىلدۈرۈش قازاقىستاننىڭ بارلىق مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بولسا، ئۈچ كۈن مابەينىدە جاي-جايلاردا قۇربانلىق قىلىنىپ، خەيرى-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر تارقىتىلدى. مۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىنمۇ يۈرگۈزۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئىگىلىشىمىزچە، قۇربان ھېيتى ھارپىسىدا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ بىر نەچچە ئاغرىقخانىلىرىدا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ئىشلەۋاتقان تېببىي خادىملارغا، ئەھۋالى ئېغىر ئائىلىلەرگە ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن ياردەم كۆرسەتكەن ئىكەن. بۇ ياردەمنى دولقۇنتاي ئەبدۇخېلىل رەھبەرلىكىدىكى «مېتال پروم» بىرلەشمىسى ئۆز زىممىسىگە ئالغان.

بىز «مېتال پروم» بىرلەشمىسىنىڭ باش مۇدىرى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى دولقۇنتاي ئەبدۇخېلىلنى زىيارەت قىلدۇق.

دولقۇنتاي ئەبدۇخېلىل بۇ پائالىيەتنىڭ قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن 30-ئىيۇلدا قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ «مىڭ مىننەتدارلىق» ھەرىكىتى دائىرىسىدە باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «300 دوختۇر ۋە 150 ئەھۋالى ناچار ئائىلىلەرگە ياردەم بەردۇق. ھەر ساھەنىڭ ئادەملىرى بۇنىڭغا كۈچىنى قوشۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ نامىدىن ئالمۇتا شەھەرلىك ھاكىمىيىتى ۋە ‹نۇر-ئوتان› پارتىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن 450 خالتا ئوزۇق-تۈلۈك تاراتتۇق. ھەر بىرى 30 كىلوگرامدىن. بىزنىڭ بىرلىكىمىز، پىكىرداشلىقىمىز ئارقىسىدىن بىز بۇ ئاغرىقنى يېڭىپ چىقىمىز.»

قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن خەيرى-ساخاۋەت پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان كۆپلىگەن يېزىلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسى مەركىزى چونجا يېزىسىدا تۇرۇۋاتقان پائالىيەتچى سەيدالىم ئامۇتوف بۇ يىلقى قۇربان ھېيتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئېغىرچىلىقلار، قايغۇ-ھەسرەتلەر بىلەن بىرگە خۇشاللىقلار بىلەنمۇ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قايغۇمىز-ۋەتىنىمىزدە شىر كەبى قىران ياشلىرىمىزنى لاگېرلاردىن بوشاتماي، بەزى ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ. خۇشال بولىدىغان يېرىمىز-ئامېرىكاغا ئوخشاش ناھايىتى چوڭ بىر دۆلەت بىزنىڭ يىغىمىزنى يىغلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ياۋروپادىكى دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇر ئەھلىنى قوللاۋاتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ئۈچ يىلنىڭ ئىچىدە ناھايىتى چوڭ ئىشلارنى قىلدى. ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ قول ئاستىدا ناھايىتى ئېغىر كۈنلەرنى كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تونۇتتى. يەنە بىر خۇشاللىق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈرك فېدېراتسىيەسى بىزگە پۇل ئەۋەتىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ پۇلغا بىز مال ئېلىپ، سويۇپ، مۇھتاجلىقى بار ئىنسانلارغا تارقىتىپ بېرىۋاتىمىز.»

سەيدالىم ئامۇتوف ئۆز يۇرتى خەلقى نامىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تۈرك فېدېراتسىيەسىگە چوڭ رەھمىتىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەر يىلى روزا ۋە قۇربان ھېيتى بايراملىرىدا قازاقىستان مۇسۇلمانلار دىنىي باشقارمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن مەسچىتلەردە بالىلارغا بېغىشلانغان مۇراسىملەر، خەيرى-ساخاۋەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرىدىكەن. بولۇپمۇ يېتىم-يېسىرلارغا، مەزھرۇھ بالىلارغا، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە، ئەھۋالى ناچار ئائىلىلەرگە ماددىي ياردەم كۆرسىتىش ھەرىكىتى كەڭ قانات يايغانىكەن. بۇ يىلى مۇنداق ھەرىكەتلەر كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تار دائىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاھالە ئىچىدە چوڭ قوللاشقا ئېرىشكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.