د ئۇ ق قاتارلىق بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا «قۇربانلىق» تارقاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-08-05
Share

كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي كرىزىس، كارانتىن، ئىش ۋە سودا ئورۇنلىرىنىڭ توختىشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەردىن خۇددى دۇنيانىڭ كۆپ ئەللىرىدىكىگە ئوخشاشلا تۈركىيە ۋە بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىقتىسادىي ھەم تۇرمۇش جەھەتتىن قىيىن ئەھۋاللاردا قالماقتا. بۇ سەۋەبتىن قۇربانلىق قىلالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن. بۇنداق ئېغىر بىر پەيتتە د ئۇ ق باشلىق ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى قۇربانلىق قىلالمىغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇنتۇمىدى.

د ئۇ ق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تۈرك ۋە بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تەقدىم قىلغان قۇربانلىق ئىئانىلىرىنى تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، پاكىستان، تايلاند ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 252 ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئەۋەتىپ بەرگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن بۇ قېتىمقى قۇربانلىق ياردەم پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.

«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» مەسئۇلى، د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، د ئۇ ق گەرچە سىياسىي تەشكىلات بولسىمۇ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تۈرك، ئۇيغۇر، ئەرەب ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەردىن يىغقان ئىئانىلەرنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى بۇ يىل د ئۇ ق قانچە ئائىلىگە قۇربانلىق ياردەم قىلدى؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ يىل ئۇيغۇر ۋە تۈرك قېرىنداشلاردىن 252 كىشىلىك قۇربانلىق ئىئانىسى يىغىپ، بۇ قۇربانلىقلارنى ئەۋەتتۇق: مەسىلەن: قازاقىستانغا 50، قىرغىزىستانغا 50، ئۆزبېكىستانغا 10، پاكىستانغا 15، تايلاندقا 15، مىسىرغا 7، ئافغانىستانغا 3 قۇربانلىق ئىئانىسى ئەۋەتىلدى. بۇلاردىن سىرت تۈركىيەنىڭ بۇرسا، قاھرامانماراش ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە قىيىن ئەھۋالدا قالغان يېتىم-يېسىر ۋە ئوقۇغۇچى بالىلارغا بولۇپ جەمئىي 102 كىشىگە قۇربانلىق ئەۋەتىپ بېرىلدى. بىز بۇ قۇربانلىقلارنىڭ پۇلىنى تۈركىيەدىكى بەزى ۋەقىپ ۋە تەشكىلاتلارغا ئەۋەتىپ بەردۇق، ئۇلار د ئۇ ق نامىدىن بۇ قۇربانلىقلارنى تارقىتىپ بەردى».

پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى رەئىسى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن كېيىنكى مەزكۇر تۇنجى قۇربان ھېيىتىدا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 65% ئىڭ قۇربانلىق قىلالمىغانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە بۇ ياردەمنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى» مۇ بۇ قۇربان ھېيىتتا تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىر، ياشىنىپ قالغان، كېسەلچان ۋە ئىگە-چاقىسىز كىشىلەردىن تەركىب تاپقان 2000 ئەتراپىدا ئائىلىگە قۇربانلىق گۆشى تارقىتىپ بەرگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، تۈركىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى كىشىلەر ئىئانە قىلغان 50 كالا، 650 قۇربانلىق قوينى سويۇپ تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇلاردىن باشقا تۈركىيەدىكى بەزى شەرقىي تۈركىستان فوندلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىمۇ قۇربانلىق گۆشى تارقاتقان.

د ئۇ ق نىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى تۈركىيەنىڭ بۇرسا، قاھرامانماراش ۋە ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئائىلىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا 102 قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى ئەۋەتىپ قۇربانلىق قوي سويدۇرۇپ تارقاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى تېلېفون يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ يېتەكچىلىكىدە «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» قۇرغانىدى. مەزكۇر مەركەز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 160 مىڭ دوللار پۇل ئىئانە توپلاپ تارقاتقانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.