ئۈرۈمچىدىكى مەشھۇر بىنا—«رابىيە قادىر سودا سارىيى» نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.12.09
ئىسترېلكىدا كۆرسىتىلگىنى رابىيە قادىر سودا سارىيى. 2009-يىلى 9-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
REUTERS

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا ساھەسىدە كەڭرى تونۇلغان ئۈرۈمچىدىكى «رابىيە قادىر سودا سارىيى» ئۆتكەن جۈمە كۈنى چېقىۋېتىلگەن. مەزكۇر سودا ساراي، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 1990‏-يىللاردىن كېيىن زور بىر تۈركۈم سودا-كارخانىچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تۈرتكە بولغان. خىتاي دائىرىلىرى 2009‏-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، بىنانىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىمنى مەزكۇر ۋەقەنىڭ قوزغىغۇچىسى دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر سودا سارىيىغىمۇ پېچەت سېلىپ مۇلازىمەتتىن توختاتقان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىنانى چېقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە بىنانىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىم ياكى ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلمىغان، جەمئىيەتكىمۇ چېقىلىش سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن.

ئىسترېلكىدا كۆرسىتىلگىنى رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ لوگوسى. 2009-يىلى 9-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
ئىسترېلكىدا كۆرسىتىلگىنى رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ لوگوسى. 2009-يىلى 9-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
REUTERS

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىكى «رابىيە قادىر سودا سارىيى» نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. بۇ ئۇچۇرنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىگىلەشكە تىرىشقان زۇمرەت داۋۇت خانىم، خىتاينىڭ دۆلەت ئاخباراتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى، جۈملىدىن دويىننى ئىزچىل كۆزەتكەن بولسىمۇ، مەزكۇر سودا-ساراينىڭ چېقىلىشىغا ئائىت ھېچقانداق بىر ئۇچۇر، ئۇقتۇرۇش ياكى رەسىم ئۇچراتمىغان. ساراينىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىممۇ، ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقە ئۈزۈكلۈكى سەۋەبىدىن، بىنانىڭ نېمە ئۈچۈن چېقىلغانلىقى، ئىقتىسادىي زىياننىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن.

رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلىشتىن ئىلگىرىكى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتتىكى ئورنى(قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇن). 2024-يىلى 29-نويابىر.
رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلىشتىن ئىلگىرىكى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتتىكى ئورنى(قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇن). 2024-يىلى 29-نويابىر.
Planet Labs/RFA

بىز مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى «رابىيە قادىر» دېگەن ئىسىمنى ئېغىزدىن چىقىرىشىمىز بىلەن تەڭ تېمىنىڭ سەزگۈر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. زۇمرەت داۋۇتقا كەلگەن ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلغان كۈنى جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان؛ بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مەزكۇر سودا ساراي جايلاشقان يول ۋە ئەتراپتىكى كوچىلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. ئەتراپتىكى ساياھەت ئورۇنلىرى زىيارەتتىن چەكلەنگەن. بىز ئۈرۈمچىدىكى غالىبىيەت ساقچىخانىسى خادىمىدىن ئۈرۈمچىدە رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلغاندىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. بۇ خادىم ۋەزىيەتنىڭ نورمال ئىكەنلىكى، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر چوڭ بازار ئەتراپىنى زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما بىنانىڭ چېقىلغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن، ساياھەتچىلەرنىڭ چوڭ بازار ۋە مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى بايان قىلىش جەريانىدا، مەزكۇر تەۋەلىكتىكى مەشھۇر بىنالار قاتارىدا رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ نۆۋەتتە يوق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭدىن بىنانىڭ نېمە ئۈچۈن چېقىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ئاڭلىغانلىرى بارلىقىنى، ئەمما تېمىنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلىشتىن ئىلگىرىكى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتتىكى ئورنى (قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇن). 2024-يىلى 17-ئاۋغۇست.
رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلىشتىن ئىلگىرىكى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتتىكى ئورنى (قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇن). 2024-يىلى 17-ئاۋغۇست.
Airbus/Google Earth

 زۇمرەت داۋۇتنىڭ يەنە ئۇقۇشىچە، بىنا چېقىلىشنىڭ ئالدىدا ئەتراپتىكى دۇكان ۋە بىنالارنى تاقاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىملاردىن بىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ، ئۆتكەن ھەپتە چوڭ بازارغا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بارغان چېغىدا، رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تەڭگە تاغ سودا سارىيى بىناسىغا ۋاقىتلىق پېچەت سېلىنغانلىقىنى بايقىغان. بىز يەنە شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىم، بىنانىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنى 29‏-نويابىر كۈنى چېقىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىم، چېقىشقا ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى مەسئۇل بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بىنانىڭ چېقىلىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئۈرۈمچىدىكى بىر ساياھەت ئىدارىسى خادىمى ساراينىڭ چېقىلىپ بولغانلىقىنى دەلىللىدى.

رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلغاندىن كېيىنكى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتتىكى ئورنى (قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇن). 2024-يىلى 3-دېكابىر.
رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلغاندىن كېيىنكى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتتىكى ئورنى (قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇن). 2024-يىلى 3-دېكابىر.
Planet Labs/RFA

 زۇمرەت داۋۇت خانىمغا كەلگەن ئۇچۇردا بىنانىڭ پارتلىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىممۇ، دائىرىلەرنىڭ ساراينى چېقىشنى مۇمكىن قەدەر شەپىسىز ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقانلىقى، ئەمما بىنانىڭ پارتلىغان ئاۋازى بىلەن كوچىلارنى قاپلىغان ساقچىلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئەنسىزچىلىك ئىچىدىكى شەھەردە تېخىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقى، نەتىجىدە ساراينىڭ چېقىلىشنىڭ جەمئىيەتتە كەڭرى بىلىنىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

 ساراي چېقىلغان كۈنى چوڭ بازار ئەتراپىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن نەنخۇ ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، بۇ دېيىلگەنلەرنىڭ بىرئاز مۇبالىغە ئىكەنلىكى، ئۈرۈمچى كوچىلىرى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى بىلەن تولغاچقا، ساراينى چېقىش جەرياندا، بەك كۆپ ساقچى خادىمنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە ئېھتىياج قالمىغانلىقى ۋە ساراينىڭ «تىنچلىقچە» چېقىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«رابىيە قادىر سودا سارىيى» 1990-يىلى سېلىنغان، بۇ سارايغا يانداش بىنا «ئەقىدە سودا سارىيى» بىلەن قاتقاندا جەمئىي 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق دۇكان، يىغىن زالى، توي سالونى، دەرسخانا ۋە مېھمانخانا ياتاقلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ساراي سودا-تىجارەت ئىشلىرىدىن باشقا مىللەتپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ ئۇچرىشىش جايى، ياش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ماكانى، خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىش باشلاش ئورنى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئورنىغا ئايلانغان. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ سودا ساراي رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولغان، پەرزەنتلىرى تۈرمىگە تاشلانغان ۋە 2009-يىلى بىناغا پېچەت سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي بىناكارلىق ۋە ئەنئەنىۋى سودا ماھارىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى مىللىي سىياسىي مەيدان ۋە ئىرادىنىڭمۇ سىمۋولىغا ئايلانغانىدى. بۇ سودا ساراي كۆپ يىللار پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن تونۇش كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا كۆرۈشىدىغان، ئۇچرىشىپ پىكىرلىشىدىغان، ھەتتا تونۇشىدىغان، سودا ۋە دوستلۇق ئالاقىلىرى قىلىدىغان بىر مۇھىم سىمۋوللۇق تۈگۈنگە ئايلانغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.