4 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن دوكتۇر راھىلە داۋۇتنى سۈرۈشتە قىلىش چاقىرىقلىرى كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2017-يىلى 12-ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفىسورى، دوكتۇر راھىلە داۋۇتقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش چاقىرىقلىرى تۆت يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

12-دېكابىر كۈنى راھىلە دۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولات ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر تورىدا رەسىملىك چاقىرىق ئېلان قىلغان. ئەقىدە پولات يوللىغان بۇ چاقىرىقتا سىم توساقلار ئىچىگە ئېلىنغان راھىلە داۋۇتنىڭ سۈرىتىنىڭ ئۈستى قىرغىقىغا ««ئاپامغا ئەركىنلىك» دەپ يېزىلغان. ئاستىغا بولسا «4 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غايىپ قىلىۋېتىلگەن راھىلە ۋداۋۇتقا ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.

فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ رەسىملىك چاقىرىق 12-13-دېكابىر ئىككى كۈن ئىچىدىلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، نەچچە مىڭ قېتىم ھەمبەھىرلەنگەن. راھىلە داۋۇتنىڭ چەت ئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلىرى، دوستلىرى ۋە شۇنداقلا راھىلە داۋۇتنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئىلمىي ۋە

ئاممىۋىي تەشكىلاتلارمۇ ئەقىدە پولات يوللىغان «راھىلە داۋۇتقا ئەركىنلىك» چاقىرىقىنى ھەمبەھىرلىگەن، ئۇلار يەنە ئۆز نامىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «راھىلە ۋداۋۇتقا ئەركىنلىك» چاقىرىقلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان.

نورۋىگىيەلىك خالۋورسېن مېندوزا (Halvorssen Mendoza ) تەرىپىدىن نيۇ-يوركتا قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق فوندى تەرىپىدىن 2009-يىلىدىن بۇيان يىلدا بىر قېتىم خەلقارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» مۇ، 12-دېكابىر كۈنى پروفېسسور راھىلە داۋۇت ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلغان. «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» ئۆز چاقىرىقىغا يەنە ئەقىدە پولاتنىڭ بۇ يىل 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە ئاپىسى راھىلە داۋۇت ھەققىدە سۆزلىگەن نەق مەيدان نۇتۇقىنىمۇ قوشۇپ تارقاتقان.

14-دېكابىر كۈنى راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولات رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 4 يىلدىن بۇيان ئاپىسى راھىلە داۋۇتقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيىتىنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقنى بىلدۈردى.

ئەقىدە پولات يەنە ئۆزىنىڭ بۇ يىل 10-ئايدا «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتناشقاندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىمۇ، ئاپىسى راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەقىدەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 4 يىلدىن بۇيان راھىلە داۋۇتنىڭ ئەھۋالىنى تاراتقۇلاردىن ئۈزلۈكسىز يوشۇرۇپ كەلگەن. گەرچە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەرىپىدىن راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما 4 يىلدىن بۇيان ئۇ توغرىلىق تاشقىي دۇنياغا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. راھىلە داۋۇتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى قىزى ئەقىدەنى ئېغىر ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.

12-13-دېكابىر كۈنلىرى يەنە ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» نىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم 14-دېكابىر كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ دېرىكىنى قىلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىش، قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش، خىتايغا جازا تەدبىرلىرى قوللىنىش ھەركەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارادا تونۇلغان فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت 1966-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا ئىلگىرى كۆپ قېتىم خىتاي مەدەنيەت مىنىستېرلىقىنىڭ مۇكاپاتلىرى ۋە تەتقىقات فوندىلىرىغا ئېرىشكەن. راھىلە داۋۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت كۆپلىگەن كىتاپ-ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق كىتابىغا ئامېرىكادىكى فوتوگراف، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى لىزا روز خانىم تارتقان ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدىكى فوتو رەسىملەر كىرگۈزۈلۈپ، ئېنگىلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان ھەمدە بۇ ساھەدىكى ئىلىم ئەھلى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى. راھىلە داۋۇت 2017-يىلى 12-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى، كۆپ قېتىم ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كېلىپ، ئۇيغۇر فولكلورىدىن دەرس بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۆت يىلدىن بۇيان راھىلە داۋۇت ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلىمى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم دەلىللىنىپ، كۆپلىگەن خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پروفىسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەسلىكى، خەلقئارادا راھىلە داۋۇتنىڭ ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىلەرنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە.