شان روبېرتس: «راھىلە داۋۇتنىڭ دېلوسى خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.09.27
ئالىمجان ئىنايەت: «راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنغان سۇيىقەستتۇر» مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى پروفېسسور راھىلە داۋۇت مازار تەتقىقاتى قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە.
Lisa Ross

ئامېرىكادىكى «دىئالوگ فوندى» 21-سېنتەبىر كۈنى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى. پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارنى قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈردى ۋە غەزەپلەندۈردى.

 «دىيالوگ فوندى» دىرېكتورى جون كەم (John Kamm) «دىيالوگ فوندى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى «رەھىمسىز پاجىئە، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ۋە ئىلىم ئەركىنلىكىنى قەدىرلەيدىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن زور يوقىتىشتۇر» دېگەن.

پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولاتنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسلانغاندا راھىلە داۋۇت 2017-يىلى 12‏-ئايدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. 2018-يىلى 9-ئايدا رادىيومىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قوماندانلىق مەركىزىدىن ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا پىروفېسسور راھىلە داۋۇت، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پىروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى ئابدۇكېرىم راخمان (2020-يىلى ئۆيدە نەزەربەند ئاستىدا ۋاپات بولغان) قاتارلىق داڭلىق پىروفېسسورلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرغا قەدەر رادىيومىز تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى ياكى لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى دەلىللەنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن خالمۇرات غوپۇر، تاشپولات تېيىپ، دىلمۇرات غوپۇر، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، غەيرەتجان ئوسمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېت پىروفېسسورلىرى؛ ئابدۇراخمان ئەبەي، يالقۇن روزى، ياسىنجان سادىق چوغلان، قۇربان مامۇت، ئابلىكىم ھەسەن، مۇختەر بۇغرا، كۈرەش تاھىر قاتارلىق ئەدىب ۋە نەشرىياتچىلار بار بولۇپ، ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشىدىكەن.

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى شان روبېرتس (Sean Roberts) ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ سەركىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، بۇ سىياسىتىنى 2014-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئىلھام توختىنى تۇتۇشتىن باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «بىزنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۆرۈۋاتقىنىمىز <سەركىلەرنى يوقىتىش> دېيىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىشى، دەپ قارىلىدۇ. بىر ھۆكۈمەتنىڭ بىر مىللەتكە قاراتقان بۇ خىل سىياسىتى ئاشۇ مىللەتنىڭ كىملىكىنى تۇتۇپ تۇرۇشقا تەسىر قىلىدىغان بارلىق سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە باشقا ھەر كەسىپتىكى زىيالىيلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىلگىنىمىزدەك تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلار ئاساسەن دۆلەتنىڭ مەكتەپلىرىدە، دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈمىگە بويسۇنغان ئاساستا ئىشلەۋاتقانلار. ئۇلار پەقەت ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا يەتكۈزگەن ۋە تەتقىق قىلغان. باشتا مۇشۇ ساھەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بىردىن بىردىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشقا باشلىدى. بىز ئۇلارنى لاگېرغا-تۈرمىلەرگە سولىدى، دەپ پەرەز قىلىشقانىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئايرىپ لاگېر-تۈرمىلەرگە سولاپلا بولدى قىلماستىن، ئۇلارنى ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمىگە مەھكۇم قىلغان. پىروفېسسور راھىلە داۋۇت ئۇنىڭ بىر مىسالى، ئۇ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. »

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 22-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا راھىلە داۋۇتنىڭ دېلوسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇ ھەقتە بېرىدىغان ھېچقانداق ئۇچۇرىنىڭ يوقلىغىنى، خىتاينىڭ «دېلولارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى» ئېيتقان.

مۇخبىرىمىزنىڭ 2019-يىلى خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ 50 كە يېقىن ئوقۇتقۇچى ۋە مەمۇرىي خادىملىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە يېشى 70 تىن ئاشقان پېنسىيونېرلارنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلانغانىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە جىنايەت بىلەن تۇتۇلغانلىقى نامەلۇم.

فىرانسىيەدىكى مۇزىكا تەتقىقاتچىسى مۇقەددەس مىجىت خانىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قىلغان ھۇجۇمنىڭ پەقەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگىلا قىلغان ھۇجۇم بولماستىن، بەلكى پۈتۈن مىللەتكە قىلغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شان روبېرتس ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ-خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىنى توختىتىش، ئەلۋەتتە بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئوچۇق-ئاشكارا دېمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىملىكى، مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدىغان زىيالىيلارنى يېغىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئۇيغۇر كىملىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان كىشىلەر قالمايدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك، غەرەزلىك ھالدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىدىن ئايرىۋەتكەن. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇلار ئېنىقلا ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. راھىلە داۋۇتنى مىسال قىلساق، ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا بولغان باغلىنىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇ تەتقىق قىلغان قەدىمكى ئىبادەتخانىلار، مۇقەددەس بىلىدىغان مەقبەرەلەر ئۇيغۇرلارنى كىملىكى، تارىخى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زېمىنغا باغلىغان. »

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ ئوقۇتقۇچىسى رايچىل خاررىس خانىم رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىغا ناھايىتى قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «تارىخقا قارايدىغان بولساق، بىر مىللەتنىڭ زىيالىي قاتلىمىدىكىلەرنى باستۇرۇش ئارقىلىق، ئاشۇ مىللەتنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش، ھەقىقەتەن ئاشۇ مىللەتنىڭ كىملىكىدە كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بۇ خىل سىياسەتكە قارشى قىلالايدىغىنىمىز، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار ئاشۇ تۇتۇلۇپ كەتكەن زىيالىيلار يازغان كىتابلارنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قىلىش، ئۇلارنى ئوقۇش، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى تارقىتىش، ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشتۇر. »

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىنىشىغا قارشى، ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال-خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.

ئەمما فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلغان، يەكەندە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، ئۇلار يەكەندىكى جەمئىي 26 تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بارغان ۋە ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە 10 نىنىڭ ھېلىھەم ئوچۇقلۇقىنى كۆرگەن. دەرۋازىدىكى ساقچىلار ئۇلارغا «بۇ دېگەن تۈرمە، بۇ چەكلەنگەن رايون» دېگەن. مۇخبىرلار بۇ ئارقىلىق خەلقئاراغا ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

مۇقەددەس مىجىت خانىم ئاخىردا مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دۇنيانىڭ مۇشۇنداق بىر پاجىئەگە قاراپلا تۇرۇشى، توختىتالمىغانلىقى بەك ئېچىنىشلىق. »

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.