لاگېر شاھىتى سايراگۈلنىڭ كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان كىتاب ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان لاگىر شاھىتى سايراگۈل خانىمنىڭ خىتاينىڭ غۇلجادىكى جازا لاگېرى ھەققىدە ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللار بايان قىلىنغان كىتابنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنىڭ 2021-يىلى 13-يانۋار كۈنى نەشرگە تاپشۇرۇلغانلىق خەۋىرى تارقالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى 21-يانۋار كۈنى سايراگۈل خانىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

سايراگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتاپ 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى دەسلەپ بېرلىندا ياۋروپا ۋېرلاگ نەشرىياتى تەرىپىدىن گېرمان تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلىرىنى ئاغزاكىي بايان قىلىشى ئاساسىدا گېرمانىيەلىك يازغۇچى ئالىكساندرا كاۋىلېئۇس خانىم مەزكۇر كىتاننىڭ گېرمانچە نۇسخىسىنى قەلەمگە ئالغان ئىكەن. مەزكۇر كىتابنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى ئەنگىلىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىكى سكرىبې ۋېرلاگ (Scribe Verlag) نەشرىياتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كارولىن ۋايت (Caroline Waight) تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتابنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسى 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى نەشردىن چىقىپ تارقىتىلىدىكەن.

مەزكۇر كىتاب ھەققىدە توختالغان سايراگۈل خانىم، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ غۇلجادىكى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئەينەن بايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش لاگېر شاھىتلىرى تەمىنلىگەن پاكىتلىق دەلىللەر تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ئاشكارىلانغاندىلا، ئاندىن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، يەنى ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن دۇنيانى خەۋەردار قىلغىلى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەدبىر قوللانغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سايراگۈل خانىم يەنە 19-يانۋار كۈنى ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك تاشقىي ئىشلار مىنستېرى مايك پومپىيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغىنىدا، ئۆزىنىڭ بىر لاگېر شاھىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىد پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

2017-يىلى خىتاينىڭ غۇلجادىكى لاگېرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان سايراگۈل ساۋۇتباي، 2018-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە قازاقستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا قۇرۇلغان قورغاس بازىرى ئارقىلىق قازاقستانغا قېچىپ چىققان. سايراگۈل قازاقستاندىكى مەزگىلدە كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ غۇلجادىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش كۇرسى» دەپ ئاتىۋالغان لاگېردا ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ۋە خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان. قازاقستاندىكى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەن سايراگۈل ساۋۇتباي خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق 2019-يىلى 6-ئايدا سىياسىي پاناھلىقى قوبۇل قىلىنىپ، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە شىۋېتسىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. سايراگۈل ساۋۇتباي شۇندىن بۇيان ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكاغا كېلىپ، لاگېردا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. سايراگۈل خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل بېسىم-تەھدىتلىرىگە قارىماي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجادىكى جازا لاگېرىدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇنىڭغا «جاسارەتلىك ئايال» مۇكاپاتى بەرگەن ئىدى.