«روھى ساغلاملىق تەشەببۇسى» گۇرۇپپىسى: «دىنىي ئېتىقاد بىزنى كۈچلەندۈرىدۇ»
2024.03.28
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچراتقان بولسا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىنىڭ نامەلۇم تەقدىرىدىن غەم-ئەندىشە قىلىش سەۋەبلىك تۈرلۈك پىسخىكىلىق بېسىملارغا ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا پىسخىكىلىق ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن «روھى ساغلاملىق تەشەببۇسى» نامىدا مەخسۇس بىر گۇرۇپپا قۇرغان.
مەزكۇر گۇرۇپپا 27-مارت كۈنى، يەنى رامىزاننىڭ 17-كۈنىدە «شەخسىي ئېتىقاد بىزنى قانداق كۈچلەندۈرىدۇ» دېگەن تېمىدا ئىسلام، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىي دېنىدىكى پائالىيەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ تور مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكادىكى «خەلقئارا تىنچلىق كاتالىزاتورى» غەربىي شىمال رايونلۇق شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى دوكتور بىل كلارك (Bill Clark) ، «دۇنيا يەھۇدىيلار كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ سابىق ئىجرائىيە دىرېكتورى سېرىنا ئوبېرستېن (Serena Oberstein) ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم قاتارلىقلار ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار بىردەك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ روھى جەھەتتىكى بېسىملىرىغا تاقابىل تۇرۇشتا دىنىي ئېتىقادنىڭ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم سۆزىدە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ 30 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرى جەرياندا، مۇسۇلمان بولغانلىقىنىڭ ئۆزىنى روھى جەھەتتىن ھەر زامان كۈچلۈك ھېس قىلدۇرغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت بۇ قاباھەتلىك كۈنلەردە تايانغان چىدامچانلىقى ۋە سەۋر-تاقىتىدە دىنىي ئېتىقادنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بىل كلارك ئەپەندى يىغىن جەريانىدا «ئىنجىل» ۋە «تەۋرات» تىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىمىزدا ‹ياراتقۇچىنى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ياخشى كۆرۈڭلار، قوشناڭلارنى خۇددى ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈڭلار› دېيىلگەن. ھەر دائىم ‹كىم بىزنىڭ قوشنىمىز بولىدۇ› دېگەن سوئال سورىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ‹قوشنا› مىز ھېسابلىنىدۇ. 20-ئەسىردە يۈز بەرگەن يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋاقتىدا ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ قوشنىلىرىدىن پەقەت بىر قانچە پىرسەنت كىشىلەرلا يەھۇدىيلارغا ياردەم قىلغان. ئاشۇ ۋاقىتتا قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلغانلار ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىققا يول ئېچىپ بەرگەنلەر ئىدى؛ يەھۇدىي قوشنىلىرىغا ياردەم قىلغان خىرىستىيانلار ئۆزىنىڭ ئېتىقادى بويىچە ياراتقۇچىسىنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداپ، قوشنىسىغا ياردەم قىلغانلار ئىدى. ئەمدى ھازىر بىز بۇ تارىختىن دەرس ئېلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يول قويماسلىقىمىز، ئۇيغۇر ‹قوشنا› لىرىمىزغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. »
سېرىنا ئوبېرستېن خانىم بىل كلارك ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىگە تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى: «ئەلۋەتتە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. لېكىن بېيجىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بېرلىنغا ئوخشاش ئىستراتېگىيە قوللىنىۋاتىدۇ. بېرلىنمۇ دۇنيادىكى ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن ئىقتىسادىي كۈچىنى قوللانغان. بېيجىڭمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ. مىڭلىغان شىركەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىگە باغلانغان. بىز، جۈملىدىن مەن بىر ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلالايمەن، دەپ قارايمەن. ئۆزىمىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاتقان ۋاقتىمىزدا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. قايسى دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بىر-بىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشىمىز، ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشىمىز كېرەك. بىز بىر-بىرىمىزنى چۈشەنگەنسېرى، گەرچە ئوخشىمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلساقمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوخشاش ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلالايمىز، شۇنداقلا ھەمكارلىشىپ ئەمەلىي ھەرىكەت قىلالايمىز.»
ئاخىرىدا زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ساغلاملىقىدىكى مەسىلىلەرنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئاللاھنىڭ سىناقلىرى» دەپ بىلگەن بۇ ئېغىر كۈنلەردىن ھامان ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى.