روشەن ئابباس خانىم «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تاللانغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.03.31
axel-springer-erkinlik-fondi.jpg گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا قۇرۇلغان «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» (Axel Springer) نىڭ تور بېتىدىكى باش سۈرەت.
axelspringer.com

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» (Axel Springer) قۇرۇلدى، رۇشەن ئابباس خانىم مەزكۇر فوندى جەمئىيەت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تاللاندى.

29-مارت كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھرىدە «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. مەركىزى ۋاشىڭتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى رۇشەن ئابباس خانىم، بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسىدىكى 6 نەپەر خادىمنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى.

«ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» بولسا «ئاكسېل سپرىنگېر ئاخبارات ۋە تېخنولوگىيە گورۇھى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئاكسېل سپرىنگېرنىڭ «ئەركىنلىكنى بارلىق قىممەت قاراشلىرىنىنىڭ ئاساسى قىلىش» تىن ئىبارەت تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىش، دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ فوندى جەمئىيىتى خىتاي كەبى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە يولىدا بەدەل تۆلەۋاتقان ئىنسانلارنى قوللاشنى، قوغداشنى، ئۇلارنىڭ پىداكارلىق روھىغا ئىلھام بېرىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان. مەزكۇر فوندى جەمئىيىتى يەنە «ئاكسېل سپرىنگېر جاسارەت مۇكاپاتى» تەسىس قىلىپ، يىلدا بىرقېتىم دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى باھالاپ مۇكاپاتلايدىكەن.

«ئاكسەل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» نى گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋە نەشرىيات گورۇھى ھېسابلانغان «ئاكسېل سپرىنگېر ئاخبارات ۋە تېخنولوگىيە گورۇھى» قۇرغان. بۇ گورۇھ گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان تراژى ئەڭ يۇقۇرى بولغان «دۇنيا» گېزىتى، «سۈرەتلەر» گېزىتى، «ئەينەك»، «پولىتىكو» ۋە «پاكىت» قاتارلىق كۆپلىگەن گېزىت-ژۇرناللار، نەشرىياتلار ۋە ئاخبارات قاناللىرىنىڭ ساھىبى سانىلىدىكەن. مەزكۇر گورۇھنىڭ نۆۋەتتە 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتە قانچە ئونلىغان تارماق شىركەتلىرى، نەشرىيات ئورگانلىرى، كارخانىلىرى ھەمدە 16 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى باركەن. ئۇلارنىڭ 2019-يىلى ياراتقان ئىقتىسادىي قىممىتى 3 مىليارد ياۋرودىن ئاشقان.

روشەن ئابباس خانىم گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا قۇرۇلغان «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» (Axel Springer) جەمئىيەت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تاللاندى. 2023-يىلى 29-مارت.
روشەن ئابباس خانىم گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا قۇرۇلغان «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» (Axel Springer) جەمئىيەت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تاللاندى. 2023-يىلى 29-مارت.
axelspringer.com

«ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» جەمئىيىتىنىڭ 29-مارت ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ جەمئىيەتكە «سۈرەتلەر» گېزىتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان ئانتىيە شىپمان بىلەن بۇ گېزىت تەھرىر بۆلۈمىنىڭ دائىمىي دىرېكتورى كاتارىنا نويبېرت يىتەكچىلىك قىلىدىكەن. «ئاكسېل سپرىنگېر ئاخبارات ۋە تېخنولوگىيە گورۇھى» نىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماتىياس دۆفنېر مەزكۇر فوندىنىڭ رەئىسى بولغان.

«ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» جەمئىيىتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى رۇشەن ئابباس، ئىراننىڭ ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسى ماسىھ ئالىنىجاد، «خوڭكوڭ ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى سامۇئېل چۇ، «ئافغانىستان قىزلار ماشىنا ئەترىتى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى رويا ماھبوب، «كۇبا قارارى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى روزا مارىيا پايا ۋە رۇسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ناتان شارانىسكى قاتارلىق 6 كىشىنى بۇ فوندىنىڭ مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تاللىغان.

«ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» نىڭ يىتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان گېرمانىيەدىكى «سۈرەتلەر» گېزىتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئانتىيە شىپمان خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن 31-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەقەززا قىلغان ئامىللار ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خوجايىنىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئىرادىسىگە ۋارسلىق قىلىپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى قوللاش ۋە قوغداش ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقتۇق. نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ئۆز دۆلىتىدىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىزگە ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بىز گېرمانىيەدە تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەركىنلىك يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ سىياسەت ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۈرەشلىرىنى قوللاش ساھەلىرىدە تېرىشچانلىق كۆرسەتمەكچى بولىۋاتىمىز.»

نۆۋەتتە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى رۇشەن ئابباس خانىم بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «مېنىڭ ئاكسېل سىپرىنگېر ئەركىنلىك فوندىنىڭ مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ تاللىنىشىم، ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايمەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىپ قايسىي دەرىجىگە يېتىۋاتقانلىقىنىڭ يارقىن بىر مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا قۇرۇلغان بۇ «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسىغا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇشەن ئابباس خانىمنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

«ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى رۇشەن ئابباس خانىمنى مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان شۇ كۈنلەردە، رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار لۇكسىمبۇرگ ھەم فرانسىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار لۇكسىمبۇرگدا لۇكسىمبۇرگ ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى فېرناند ئېتكېن باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.