روشەن ئابباس «جەنۋە مۇنبىرى-2023» تە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2023.10.30

26-27-ئۆكتەبىر كۈنلىرى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جەنۋە مۇنبىرى-2023» يىغىنىغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىككى كۈنلۈك مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا لىتۋا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئارۇناس ۋالىنسكاس، شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس ۋالدېر قاتارلىقلار ئېچىلىش سۆزى سۆزلىگەن.
ئىككى كۈنلۈك مۇنبەر جەريانىدا، ئاساسلىقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاۋازىنى باستۇرۇشى، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە زەربە بېرىش سىياسىتى، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغا باستۇرۇشى ۋە باشقا تېمىلاردا دوكلاتلار بېرىلگەن ھەم مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان.
مۇنبەرنىڭ «خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى» ناملىق يىغىنىدا سۆز قىلغان روشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى مىسال ۋە پاكىتلار بىلەن شەرھلەپ ئۆتكەن. روشەن ئابباس خانىم بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر، جۈملىدىن يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى:
روشەن ئابباس خانىم يەنە، مۇنبەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تەرەققىياتمۇ ياكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ يېڭى شەكلىمۇ؟ » دېگەن تېما ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«جەنۋە مۇنبىرى-2023» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، تەتقىقاتچىلار، پائالىيەتچىلەر، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، دىپلوماتلار، ئاقىللار ئامبىرى ۋە پۇقراۋى جەمئىيەتلەر ھەم ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان. مەزكۇر مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلىرىدىن بىرى، تىبەت پارلامېنتى ئەزاسى نورزىن دولما خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقىلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى شەرھلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت، تەيۋەن، خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان، مانجۇرىيە، ئىچكى موڭغۇل ۋە باشقا نۇرغۇن رايونلاردا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قىزىل رەقەمگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ يەرلەردە داۋام قىلىۋاتقان مىللىي زۇلۇملارغا قارشى ئۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قارىشىچە، بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان گۇرۇپپىلارغا بەرگەن ئىنكاسى مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈنمىش. يەنى ئۇنىڭ بۇ يەردە دەۋاتقىنى، ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇش ۋە زىددىيەت مەنبەسى دەپ قارىغان ھەر قانداق شەخسنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئىپادىلەش ۋاسىتىسىنى مونوپول قىلىش ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كىرىزىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ چوڭ مەسىلىلەرگە يول ئاچماقتا» .
بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە نورزىن دولما ۋە جەنۋەدىكى تەيبېي مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش دىرېكتورى نىكول سۇ رىياسەتچىلىك قىلغان.