خىتاي روزا ھېيت خۇشاللىقى تەشۋىقاتىدىكى كۆز بويامچىلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-05-14
Share
خىتاي روزا ھېيت خۇشاللىقى تەشۋىقاتىدىكى كۆز بويامچىلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى
AFP/ RFA_Sintash

رامزان باشلىنىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەسچىتلەرگە بېرىشكە ئۈندەپ ھەتتا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ئەمما 4 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەمدە تۇتقۇندىن قورقۇپ كەتكەن خەلق ئاممىسىنىڭ، مەسچىتكە زورلىسىمۇ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىنمۇ دەلىللەنگەنىدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تارقالغان قىسقا ۋىدىيولۇق ئۇچۇرلاردىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خۇشال ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدىغان ساختا بىر سەھنە ياساشقا كىرىشكەنلىكىنىڭ شەپىسىنى كۆرۈلۈشكە ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىغانىدى.
3-4 كۈن ئېگىرى، خىتاي تەرىپىدىن 4 يىلدىن بۇيان ساياھەت ئورنىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن، ھېيتلاردا ساما سېلىنماس بولغان ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ قايتىدىن جامائەتكە ئېچىلغانلىقى، ھەتتا ھېيتقا ئۈلگۈرتۈپ ناغرىلارنىڭ توشۇلۇپ، تىزىپ تەق قىلىپ قويۇلۇۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن قىسقا ۋىدىيولارمۇ ئاشكارىلانغانىدى.
ھېيتنىڭ ھارپىسىدا، تېخى ھېيت بولماي تۇرۇپلا، ھېيتگاھ مەيدانىدا ئاساسەن ياشلارنىڭ تەشكىللىك ھالدا توپ -توپ بولۇپ، ساما سېلىشنى مەشىق قىلىپ رەپىتىس قىلىۋاتقانلىقىدەك غەلىتە كۆرۈنۈشلەر تارقىلىپ، زور ئىنكاس قوزغىدى.
دەرۋەقە 13- ماي پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئەھلى ھېيت نامازلىرىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى ھېيت نامىزىدا مەسچىتلەرگە توپلاپ ئۆزىنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن بايراق چىقىرىشىپ مۇراسىمى تەشكىللەپ، سىياسىي تەشۋىقاتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقانلىقى ۋېدىيولاردىن ئاشكارىلاندى.
كىشىلەرنىڭ يانفونلىرى ئارقىلىق تارتىلىپ چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغىچە تارالغان بۇ سىياسيىلاشقان ھېيت نامازلىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە قارايدىغان بولساق، مەسچىتلەرنىڭ ئىسلامى بەلگىلىرى ئاساسەن ئېلىۋېتىلگەن، ھەممىسىنىڭ ئۆگزىسىگە خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى سانجىلغان، مەسچىت ئەتراپىغا خىتاينىڭ قىزىل پانۇسلىرى ئېسىلغان. توپ - توپ كىشىلەر مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن مەسچىتلەرگە توشۇپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا ئەڭ زور ئىنكاس قوزغىغان ۋە خىتاينىڭ ئويۇنىنى چاندۇرۇپ قويغانلىقى ھەققىدىكى كىنايىلىك ئىنكاسلارغا سەۋەب بولغان كۆرۈنۈش بولسا 4-5 يىلدىن بۇيان ساياھەتچىلەرگىلا ئېچىلىپ، ناماز ئوقۇش چەكلىنىپ كەلگەن ھېيتگاھ جامائەسى ئالدىدىكى مەيداندا قايتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىق ساما ئويناۋاتقاندەك كۆرۈنۈشلەر بولۇپ، بۇنىڭ بىر ساختا سەھنە ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كىچىكىدىن ھېيتگاھتا ناماز ئوقۇپ، ساما ئۇسۇلى ئويناپ چوڭ بولغان قەشقەر كىشىلىرىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قەشقەرلىك مۇھاجىر ئۇيغۇرلاردىن ئادىلجان ئەپەندى بۇنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنى ھېيتگاھقا يىغىپ خۇشال كۆرسىتىپ ساماغا سالغان بۇ بىر مەيدان ئويۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭدىكى چاندۇرۇپ قويغان كۆرسەتتى:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي يېقىندىن بۇيان مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئېچىپ ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلارنى سۆزلىتىپ، دىنىي زاتلار بىلەن ئېتىقادچى ئاممىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ خىتاينىڭ دىنىي ۋە مىللىي سىياسەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە خەلقئارا جامائەت بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن روزا ھېيتتىنمۇ پايدىلىنىپ، بۇنداق سەھنىلەرنى تەييارلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىدىن خەلقئارا جامائەت ۋە ئاخباراتلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئۈنۈمى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

خىتاينىڭ كۆرۈنۈشكە نورمال ھېيت كەيپىياتىنى ياساپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ يەنىلا قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ دەرۋازىسىدىكى ئايەت تاختىسىنى ئورنىغا ئېسىپ قويۇشنى ئۇنتۇغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىت-جامە قاتارلىق دىنىي قۇرۇلۇشلارنى ۋە قەدىمىي قەبرىستانلىقلارنى چېقىش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت 2018-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلىدە ھېيتگاھ دەرۋازىدىكى بۇ لەۋھەنىڭمۇ غايىب قىلىنغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى.
2019-يىلى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك دوكلات تەييارلىغان. بۇ دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىت، مازار، ۋە باشقا دىنىي سورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى 10 مىڭدىن 15 مىڭ غىچە قۇرۇلۇشنىڭ بەزىلىرىنى پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلىغانلىقى، ئاز دېگەندە 613 ئىمامنىڭ تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 12- ماي يېڭى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىماملىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنى ۋە ئۇلارنى جازالىشى ھەققىدىكى يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئېغىر جازالانغان ئىمام ۋە دىنىي زاتلارنىڭ سانىنىڭ 1046ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆز تەشۋىقاتلىرى بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرى ئەمەلىيەتتە، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ ئېلان قىلىۋاتقان دەلىل ئىسپاتلىق جىنايەت پاكىتلىرى ئالدىدا ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى، يەنى خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمىدى خالاس!

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت