مەكىت ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر روزا تۇتقانلارنى بايقىسا ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.05.13
ramazan-mehelle-tekshurush.jpg مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈپ كەلگەن كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 6-ئاۋغۇست، قەشقەر.
AP

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىللىق رامازان ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك خادىملارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا بەزى خادىملار بۇ يىلمۇ روزى تۇتماسلىق ھەققىدە ئاھالىلەرگە ئاشكارا ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزى خادىملار ئۆز تەۋەلىكىدە 3 يىلدىن بۇيان روزا تۇتۇلمايۋاتقانلىقى ۋە روزا تۇتماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشقىمۇ ھاجەت قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلگىرىكى يىللاردىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇسۇلمان دۇنياسىدا تىنچلىق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدىغان رامازان ئېيىدا ئۇيغۇر رايونىدا ھەر يىلى ئادەتتىن تاشقىرى نازارەت ۋە نەزەربەنت داۋام قىلماقتا. سىياسىي يىغىنلار ئۈزلۈكسىز ئېچىلىش، ساقچىلار كېچە-كۈندۈز چارلاش ئېلىپ بېرىش، پايلاقچىلار ئۇخلىماي ھەركەت قىلىش ئۇيغۇر رايوندىكى رامازان ئېيىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

بىز رامازان ئېيىدىكى بۇ يىلقى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن ئالدى ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بىرى بۇ يىلمۇ رامازان سەۋەبلىك مەخسۇس تۈزۈم ۋە تەدبىرلەر بېكىتىلگەنلىكى، ئەمما بۇ تۈزۈملەرنى ئاخباراتقا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكىت ناھىيەسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى بىر ئاياللار مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر يېزىدا بۇ يىل روزى تۇتماسلىق ھەققىدە يىغىنلار ئېچىلغان، ئۇقتۇرۇشلار تارقىتىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا روزا تۇتۇش بىرئاز پەردازلانغان ھالدا، يەنى «روزا تۇتۇش-تۇتماسلىق پۇقرالارنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئىكەنلىكى» ۋە «روزا تۇتۇشقا زورلانماسلىقى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن بولسا، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاھالىلەر ئوچۇق ھالدا روزا تۇتماسلىققا بۇيرۇلغان. يەنە بىر كەنت خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ناھىيەدە ئېچىلغان يىغىنلاردا كەنت كادىرلىرىغا روزى تۇتۇشنى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ چۈشەدۈرۈلگەن ۋە تۆۋەندە خىزمەت داۋامىدىمۇ مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىنغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، يېزىدىكى تەشۋىقاتلاردا روزا تۇتۇشنىڭ ئاتالمىش روھىي زىيىنىدىن باشقا تەن سالامەتلىككە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىمۇ تەكىتلەنگەن. مەكىتتە ئاھالىلەر روزا تۇتقانلارنى بايقاپ قالسا ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇلغان.

يەنە بىر خادىم ئۆز تەۋەلىكىدە ئاھالىلەرنىڭ 3 يىلدىن بېرى روزا تۇتمايۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ بىر ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.