«شىنجاڭ ئىقبال پەن-تېخنىكا شىركىتى» نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى گۈلجامال ئەبەيدۇللانىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، «شىنجاڭ ئىقبال پەن-تېخنىكا شىركىتى» نىڭ ئىككى قۇرغۇچىسىدىن بىرى بولغان گۈلجامال ئەبەيدۇللانىڭ 2017-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا گۈلجامال ئەبەيدۇللانىڭ 2001-يىلى بىر قېتىم جازالانغانلىقى ئۈچۈن «سابىق مەھبۇسلار» قاتارىدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە نىلقىدىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى غايىب گۈلجامال ئەبەيدۇللانىڭ» شىنجاڭ ئىقبال پەن-تېخنىكا شىركىتى» نى ئاكىسى ئابدۇكېرىم ئەبەيدۇللا بىلەن بىرلىكتە قۇرغانلىقى ۋە تەڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

تور ئارخىپلىرىنى تەكشۈرگىنىمىزدا «شىنجاڭ ئىقبال پەن-تېخنىكا شىركىتى» نىڭ 2010‏-يىلى قۇرۇلغانلىقى، ئۈرۈمچى شىنخۇا جەنۇبى يولىنىڭ 918-نومۇرلۇق بىناسىدا ئىشخانىسى بارلىقى مەلۇم بولدى. «ئىقبال-ئىلغار تىجارەتكە ئۇل سال» دېگەن سەرلەۋھىدە بېرىلگەن بىر تور ئېلانىدا شىركەت ئىشخانىسى ۋە دىرېكتورلىرىنىڭ تېلېفونى يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قانچە كۈن ئۇدا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز باغلانمىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېلخەت ئارقىلىق بايان قىلىشىچە، گۈلجامال ئەبەيدۇللا ئەسلىدە كۇچا ناھىيەسىدىن بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنى ئاكىسى ئابدۇكېرىم ئەبەيدۇللا بىلەن ئۈرۈمچىدە قۇرغان ۋە بىر مەھەل باشقۇرغاندىن كېيىن نىكاھ ئىشى بىلەن نىلقا ناھىيەسىنىڭ كېلەڭ يېزىسىغا يۆتكەلگەن ۋە تاكى2017-يىلنىڭ بېشىغا قەدەر شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى نىلقىدا تۇرۇپ ئىدارە قىلغان. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن نىلقا ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق.

نىلقا بازارلىق ساقچى خادىمى گۈلجامال ئەبەيدۇللا ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى، كېلەڭ يېزىلىق ساقچى خادىمى بۇ ھەقتە ناھىيەلىك سودا-سانائەت بىرلەشمىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. كېلەڭ يېزىلىق سودا-سانائەتنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ خادىمى دەسلەپتە بۇ يېزىدا سودا-ساھەسىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەن كارخانىچىلاردىن پەقەت بىرنىلا بىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ گۈلجامال ئەبەيدۇللا ئىكەنلىكى ۋە 35 ياشلار چامىسىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى گۈلجامال ئەبەيدۇللانىڭ 38 ياش ئىكەنلىكى، ئىلگىرى 2001‏-يىلى بېشىغا ئارتقان ياغلىقى سەۋەبلىك بىر يىللىق كېسىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. سودا-سائەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر خادىمى گۈلجامال ئەبەيدۇللانىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما تۇتۇلۇش سەۋەبىنى دەپ بېرەلمىدى. بىز بۇ خادىم تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرىغا ئاساسەن كېلەڭ يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسىدىن مەلۇمات سورىدۇق. بۇ خادىم گۈلجامال ئەبەيدۇللانىڭ ئىلگىرى بىر ئىشلارغا چېتىلىپ قالغانلىقى ۋە بىر يىل تۈرمىدە يېتىپ چىققانلىقى، شۇ سەۋەبتىن لاگېرغا ئادەم توپلاشتا ئۇنىڭ باشتا تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

بىز سودا-سانائەت پونكىتىدىكى مەزكۇر خادىمدىن گۈلجامال ئەبەيدۇللانىڭ نۆۋەتتە قايسىي لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ گۈلجامالنىڭ ناھىيەدىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر لاگېرنىڭ نىلقا ناھىيە بازىرىنىڭ قايسىي قىسمىدا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا بۇنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاتۇشتىكى بىر كەنت سېكرېتارى 2017-يىلى لاگېرغا ئادەم توپلاش باشلانغاندا «سابىق مەھبۇس»، «سابىق تۇتقۇن» ۋە «سابىق گۇماندار» لارنىڭ ئەڭ باشتا تۇتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ھازىرغىچە بولغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا «شىنجاڭ ئىقبال پەن-تېخنىكا شىركىتى» نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى گۈلجامال ئەبەيدۇللانىڭ نىلقا ناھىيەسىدىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى، ئەمما شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇكېرىم ئەبەيدۇللانىڭ ئاقىۋىتى تېخى مەلۇم ئەمەس.