«شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.05.25
«شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن د ئۇ ق ئۇيۇشتۇرغان مىللىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 25-ماي، ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن د ئۇ ق ئۇيۇشتۇرغان مىللىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار بۈگۈن، يەنى 25-ماي كۈنى «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىش باشلىنىشى بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ «ئارخىپ» نىڭ يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، جازا لاگېرلىرى شاھىدلىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن د ئۇ ق ئۇيۇشتۇرغان مىللىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 25-ماي، ميۇنخېن، گېرمانىيە.

ئامېرىكادىن كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ نامايىشنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ياپونىيەدىن كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئىلھام ماھمۇت ئەپەندىمۇ مەزكۇر نامايىش توغرىسىدا قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نامايىش جەريانىدا گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن مارگارىتا باۋزى خانىممۇ نۇتۇق سۆزلەپ، «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى توغرىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. كانادادىن كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندىمۇ نامايىش توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن د ئۇ ق ئۇيۇشتۇرغان مىللىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 25-ماي، ميۇنخېن، گېرمانىيە.

مەزكۇر نامايىشقا يەنە ھەرقايسى ئەللەردىن بىر قىسىم لاگېر شاھىدلىرىمۇ كېلىپ قاتناشقان ئىدى. گوللاندىيەدىن كەلگەن لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ نامايىش جەريانىدا نۇتۇقلار سۆزلىدى ۋە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ھاياجانلىرىنى ئىپادە قىلدى.

بىر سائەت داۋام قىلغان بۇ نامايىش جاراڭلىق شۇئارلار بىلەن ناھايىتى جانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.