«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە تىلغا ئېلىنغان ئوقۇتقۇچى مېھرىبانگۈل مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2023.04.14
mihribangul-memet.jpg توققۇزاقلىق مۇھاجىرلاردىن بۇمەريەم خانىم، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلار ئارىسىدىن تونۇۋالغان ئوقۇتقۇچى مېھرىبانگۈل مەمەت.
XinjiangPoliceFiles/xinjiangpolicefiles.org

توققۇزاقلىق مۇھاجىرلاردىن بۇمەريەم خانىم، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلار ئارىسىدىن ئوقۇتقۇچى مېھرىبانگۈل مەمەتنى تونۇۋالغان. مەزكۇر ھۆججەتتە مېھرىبانگۈلنىڭ 28‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەۋەلىكتىكى ساقچى خادىمىمۇ بۇ مەكتەپتىن 6 ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، بۇلاردىن بىرىنىڭ مېھرىبانگۈل مەمەت ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

خەلقائارادا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان قەشقەر كوناشەھەر ساقچى ئارخىپلىرىدا كوناشەھەر ۋە تېكەس ناھىيەسىگە ئائىت بولغان 20 مىڭدىن ئارتۇق تۇتقۇننىڭ ئۇچۇرلىرى ساقلانغان، بۇلاردىن 2800 چە تۇتقۇننىڭ سۈرىتى قىستۇرۇلغان. بۇ ئارخىپ بۇلتۇر 5‏-ئايدا دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر ئارخىپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەر ۋە تونۇش-بىلىشلىرى توغرۇلۇق مەلۇمات ئىزدىمەكتە.

نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان توققۇزاقلىق مۇھاجىر بۇمەريەم خانىم، بۈگۈن رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلار ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ بىر تونۇشى-ئوقۇتقۇچى مېھرىبانگۈل مەمەتنى تونۇۋالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە دۇكان ئاچقان مەزگىلىدە مېھرىبانگۈل مەمەتنى ھەر كۈنى ئىشقا كېتىۋاتقان ۋاقتىدا كۆرىدىغانلىقى، ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئەينى چاغدا ئۆزئارا سالام-سائەت قىلىشىپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مەزكۇر ھۆججەتتە مېھرىبانگۈل مەمەتنىڭ مەلۇم بىر ئۈندىدار مۇنازىرە توپىغا قېتىلغانلىقى ۋە قول تېلېفونىغا توردا تام ئاتلاش يۇمتالى VPN نى قاچىلىغانلىقى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. 28‏-ئوتتۇرا مەكتەپ تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانا خادىملىرى، مەزكۇر مەكتەپتىن تۇتۇلۇپ كېتىلگەن خىزمەتچى سانىنىڭ بەش نەپەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلاردىن بىرىنىڭ مېھرىبانگۈل مەمەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر ھۆججەتتە مېھرىبانگۈل مەمەتنىڭ 2018‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان مەزگىلىدە 29 ياش ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. مەزكۇر ساقچىخانىدىكى يەنە بىر خادىم مېھرىبانگۈل مەمەتنىڭ قول تېلېفونىدىن چىققان «مەسىلە» سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. ھۆججەتتە يەنە مېھرىبانگۈل مەمەتنىڭ «چەت ئەلگە چىقىشقا بولمايدىغان ئائىلە ئەزاسى» ئىكەنلىكىمۇ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى سۈپتىدە تىلغا ئېلىنغان. لېكىن ساقچى خادىملىرى، مېھرىبانگۈل مەمەتنىڭ ئاتا‏-ئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، نېمە ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

يۇقىرىدا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە خاتىرىلەنگەن مېھرىبانگۈل مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.