ئۈرۈمچى يامالىق ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، 2017‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندىن كېيىن، ساقچى خادىملىرىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى قايتىدىن ئومۇميۈزلۈك بىر قېتىم تەكشۈرۈلگەن. بۇ تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇر ساقچى خادىملىرىنىڭ بىر قىسمىمۇ «سىياسىي جەھەتتىن گۇمانلىق» دەپ قارىلىپ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن ۋە كېسىۋېتىلگەن. بۇلاردىن ئەڭ يېقىندا ئاشكارىلانغىنى ئۈرۈمچى سايباغ رايونى يامالىق ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈردۇر. ئۇ ئەنە شۇ تەكشۈرۈشتە «مەسىلە بايقالغان» دەپ تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۆتكەن ئايدا ياپونىيەدىكى ئابدۇسەمى ئابدۇرېھىم ئەپەندى، ياپونىيەدە ئوقۇپ قايتقان تۇتقۇندىكى ئاكىسى ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىم ھەققىدە رادىيومىزغا مەلۇمات بەرگەن مەزگىلىدە، جىيەنى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭمۇ ئاكىسىدىن ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغانىدى. دېيىلىشىچە، ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرمۇ بىر مەزگىل ياپونىيەدە ئوقۇغان ۋە يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئوقۇغان كەسپىدە ئىش تاپالمىغانلىقتىن بىر ساقچىخانىغا ئىشقا چۈشكەنىكەن. بىز ئابدۇسەمى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈر ھەققىدە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋام قىلىۋاتقان كۈنلەردە، مۇھاجىرەتتىكى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، 2017‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۈستىدىن ئومۇميۈزلۈك دېگۈدەك سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ساقچى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭ سايباغ رايوندىكى يامالىق ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ دەل شۇ جەرياندا «ئارقا كۆرۈنۈشىدىن مەسىلە چىقىپ» تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتتى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سايباغ رايونىدىكى 1‏-ئاۋغۇست ساقچىخانىسىنىڭ خادىمىدىن ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئەنۋەرنىڭ شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئاشكارىلاش ۋە تۇتقۇندىكى ساقچىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ۋاسىتىلىك ھالدا دەلىللىدى.

ئابدۇسەمى جىيەن ئىنىسى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭ ھەقسىزلىققا چىدىمايدىغان، قېنى قىزىق بىر ياش ئىكەنلىكى، شۇڭا، 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇنى بىر خاپىلىققا ئارىلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى ياپونىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ياپونىيەگە ئوقۇشقا كېلىشىگە تۇتقۇندىكى ئاكىسى ئابدۇخىلىل ئابدۇرېھىمنىڭ كۈچ چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار شىرزات باۋۇدۇن ھەققىدە ئىشلەنگەن خىتاينىڭ بىر تەشۋىقات فىلىمىدا ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يالقۇن دېگەن كىشىنىڭ مىسىردا ئوقۇغان ئوغلى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا كېسىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇ چاغدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يالقۇننىڭ بالىسىنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە غەيرىي-رەسمىي خەۋەرلەر تارقالغانىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى سايباغ رايونى يامالىق ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمىمۇ، ئەنۋەر ئابدۇشۈركۈرنىڭ ئىلگىرى مۇشۇ ساقچىخانىدا ئىشلىگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ «سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى» تەكشۈرۈلگەندە ئۇنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەي قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ شۇ تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئىشتىن توختىتىلغانلىقى ۋە ئورنىغا يېڭىدىن 3 خادىمنىڭ قوبۇل قىلىنىپ ئىشقا چۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئابدۇسەمى، ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭ 2021-يىلى 4-ياكى 5-ئايلاردا تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى بايان قىلغانىدى. مەزكۇر ساقچى خادىمى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2021-يىلىنىڭ باشلىرى ئارىسىدا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈردىن «مەسىلە» چىققاندىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى، يەنى ئاتالمىش «گۇناھى» نىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغىمۇ، ھەتتا ئائىلە تاۋابىئاتىغىمۇ مەلۇمات بەرمىگەن.

ئابدۇسەمى ئابدۇرېھىم ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭ 7 يىللىق كېسىلگەنلىكىدىن ئېنىق خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى نەدە ئۆتەۋاتقانلىقىدىن ھازىرغىچە خەۋىرى يوقلىغىنى ئېيتتى. ئۈرۈمچى يامالىق ساقچىخانا خادىملىرىمۇ، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئۈرۈمچى ئاتبەيگە ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ سوراقتا ئۆلگەنلىكى ۋە يېڭىساردا بىر تۈركۈم ساقچى خادىملىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن «مەسىلە» چىققانلىقى ئۈچۈن تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.