بېرلىندا «تاجدار گۇۋاھچى» ناملىق كىتاب توغرىسىدا مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-06-23
Share
tajdar-shahit-sayragul-sawutbay-kitab-yighin.jpg گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «تاجدار گۇۋاھچى» ناملىق كىتاب توغرىسىدا مەتبۇئات يىغىنىدا (سولدىن ئوڭغا) سايراگۈل ساۋۇتباي، مېھرىبان مەمەت ۋە كىتابنىڭ ئاپتورى ئالىكساندىرا كاۋىلىيۇس خانىملار. 2020-يىلى 23-ئىيۇن.
RFA/Ekrem

سايراگۈل ساۋۇتباي توغرىلىق يېزىلغان «تاجدار شاھىت» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى

22-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەنىڭ «غەربىي جەنۇب رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى» خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ تىرىك شاھىتى بولغان سايراگۈل ساۋۇتباي توغرىسىدا يېزىلغان «تاجدار گۇۋاھچى» ناملىق كىتابنىڭ گېرمان تىلىىدا نەشردىن چىققانلىقىنى، 23-ئىيۇن بېرلىندا بۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇش يۈزىسىدىن مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، مەزكۇر كىتابتا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ ئېغىر ئازابلارغا مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقى» نى ئېلان قىلغانىدى.

23-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا «تاجدار گۇۋاھچى» ناملىق كىتاب توغرىسىدا مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ئالىكساندىرا كاۋىلىيۇس، كىتابنى نەشر قىلغان «ياۋروپا نەشرىياتى» نىڭ ۋەكىللىرى، لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي، كۆپلىگەن مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان.

مەتبۇئات يىغىنىدا ئالدى بىلەن «ياۋروپا نەشرىياتى» نىڭ مەسئۇلى ستروس ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ كىتابتا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ ھايات ھېكايىسىنىڭ تىرىك لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ گۇۋاھلىقى ئارقىلىق بايان قىلىنغانلىقىنى ھەمدە كىتابتىكى ئومۇمىي مەزمۇننى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

كىتابنىڭ ئاپتورى ئالىكساندىرا كاۋىلىيۇس خانىم ئارقىدىن سۆز ئېلىپ، سايراگۈل ساۋۇتباي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى، ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتىنىڭ 21-ئەسىردە «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىدىن ئىبارەت بۇ قاباھەتنى پۈتۈن دۇنياغا يەنىمۇ بەكرەك يورۇتۇپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى» نى بايان قىلغان.

سايراگۈل ساۋۇتباي سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلىرىنى، كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى، قازاقىستانغا قېچىپ چىققاندىن كېيىنكى ھېكايىسىنى ۋە شىۋېتسىيەگە كېلىپ يەرلەشكەندىن بۇيانقى تۇرمۇشىنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

تەكلىپكە بىنائەن بۇ پائالىيەت سورۇنىغا داخىل بولغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ مەتبۇئات يىغىنىغا كۆپلىگەن مۇھىم ئاخبارات ئورگانلىرىدىن مۇخبىرلارنىڭ كېلىپ قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

سايراگۈل ساۋۇتباي نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەتبۇئات يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاڭلىتىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى» نى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «تاجدار گۇۋاھچى» ناملىق بۇ كىتابتا ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان، قازاقىستان ۋە شىۋېتسىيەدىن ئىبارەت 3 دۆلەتتىكى ھايات كەچمىشلىرى» ئەتراپلىق بايان قىلىنىدىكەن.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن بېرىپ سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ تەرجىمانلىقىنى قىلغان مېھرىبان خانىممۇ بۇ قېتىمقى مەتبۇئات يىغىنىنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.