سوت ھۆكۈملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش» ئۇيغۇر ئېلىدە 1990-يىللاردىن باشلاپ يولغا قويۇلۇۋاتقان جازا ئىجرائاتلىرىدا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئەيىبلىمىلەردىن بىرىدۇر. دەسلەپكى يىللاردا بەلگىلىك مىللىي ۋە دىنىي كەيپىياتى بولغان تەبلىغ، مەشرەپ ۋە بىر قىسىم تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى «توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش» دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن بولسا، 2017 -يىلدىن كېيىن، ھەرقانداق بىر جامائەت سورۇنىدىكى ھۆكۈمەت خالىمايدىغان بىر جۈملە ياكى بىر ئېغىز سۆزمۇ، ئەنە شۇ كاتېگورىيە بويىچە ئەيىبلىنىشكە سەۋەب بولغان.
10-ماي كۈنى قۇمۇل ئوتتۇرا سوتتا 5 يىل 4 ئاي كېسىلگەنلىك ھۆكۈمى چىققان قۇددۇسجانمۇ «توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.
قۇمۇلنىڭ ئېۋىرغول رايونلۇق سوت مەھكىمىسى خادىملىرى، ھۆكۈمنىڭ ئوتتۇرا سوتتا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەيىبلىمىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
قۇددۇسجاننىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ھەدىسى سەھىبەنىڭ بايان قىلىشىچە، قۇددۇسجان تۇتۇلغان ھامان، ئۇ ئەھۋالنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ يۇرتى بورتالادىكى خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى ئىزدەپ، قۇددۇسجاننىڭ چوڭ بىر مەسىلىسى يوقلۇقى، پەقەت كىچىككىنە بىر تەكشۈرۈشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە چىقارغان ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ساقچىلىرىدىن بۇ تەلەپ تاكى قۇددۇسجان سوتلانغىچە بولغان 10 ئاي ئىچىدە سەھىبەنىڭ يولدىشىغىمۇ كەلگەن. ئاتا-ئانىسىغىمۇ ئەھۋالنى سىرتقا يايماسلىق ھەققىدە بېسىملار ئىشلىتىلگەن.
قۇمۇل ئوتتۇرا سوتنىڭ يەنە بىر خادىمىمۇ، قۇددۇسجاننىڭ سوتىنىڭ مەخپىي سوت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەيىبلىمە ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.
شۇ كۈنكى سوتقا قاتناشقان ۋە ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم، سوتتا ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، قۇددۇسجان ئۆتكەن يىلى قۇمۇلغا كەلگەندە بىر تۈركۈم دوستلىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغانلىقى، دوستلار ئارا جەم بولغان بۇ غىزا سورۇنىدا گەپتىن گەپ چىقىپ، بىر سابىق مەھبۇس ھەققىدە پاراڭ بولۇنغانلىقى، بۇ پاراڭ جەريانىدا مەھبۇسنىڭ ياخشى سۈپەتلىرى تىلغا ئېلىنىپ ئۇنىڭ «شامالغا كېتىپ قالغان» لىقى تىلغا ئېلىنغانلىقى، سوتتا بۇ گەپلەرنىڭ «قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش» دەپ قارالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ ھەقتە تەسىراتىنى بايان قىلغان سەھىبە سايرامئوغلى شۇ سۆھبەت سورۇنىنى ئىنىسىنىڭ شۇ كۈنى ۋىدىيوغا ئېلىپ ئۆزىگە يوللاپ بەرگەنلىكىنى، ئەگەر سىياسىي مەقسەتلىك بىر سورۇن بولغان بولسا، بۇ كۆرۈنۈشنى يوللاپ بېرىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئىنىسى ۋە دوستلىرىنى ۋەزىپە ئورۇنداش ۋە سان تولدۇرۇش ئۈچۈنلا جازالىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، سەھىبە ئىنىسى تۇتقۇندىكى 10 ئايدىن بېرى خىتاي تەرەپتىن ئۆزىگە كەلگەن تېلېفوندىكى ئالداش ۋە تەھدىت سېلىش مەزمۇنىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاۋازىنى ساقلىۋالغان.
ئۇ ئەگەر 5 يىل 4 ئاي دېگەن بۇ جازا مۇددىتى مۇقىملاشسا، ئىنىسى تۈرمىدە ئازاب چېكىۋاتقان بۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ سىرتتا بەش يىل توختىماي كۈرەش قىلىدىغانلىقى ۋە ئىنىسىنىڭ ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان بۇ خەۋىرىنى دۇنياغا يايىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا قۇددۇسجان ئابدۇۋەلىنىڭ دوستلىرى بىلەن جەم بولغان بىر غىزا سورۇنىدا بىر سابىق مەھبۇسنىڭ گېپى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا «توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.