قازاقىستان ھۆكۈمىتى جاسارەتلىك قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشنى قولغا ئالدى

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف
2019.03.10
ata-yurt-pidaiyliri-qurghuchisi-bashlamchisi-serikjan-bilashoghli.jpg «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشلامچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى ئەپەندى(ئوتتۇرىدا).
Sérikjan Bilash’oghli teminligen

قازاقىستان ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى خىتاي لاگېرلىرىدا سولانغان قازاقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سېرىكجان بىلاشنى ئاتالمىش «مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئالغان. سېرىكجان بىلاش «ئاتا-جۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بىر يىلدىن بېرى خىتاي لاگېرلىرىدا سولانغان قازاقلارنىڭ داۋاسىنى قىلىپ، بۇ مەسىلىنى بەلگىلىك دەرىجىدە خەلقئارالاشتۇرغان ئىدى.


فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى يەكشەنبە سائەت 1:00 لەردە سېرىكجان بىلاشنى ئالمۇتادا قولغا ئېلىپ، ئۇنى پايتەخت ئاستاناغا ئېلىپ كەتكەن. بۇ ئالاھىدە خادىملار يەنە «ئاتا-جۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئىشخانا ئىچىدىكى بارلىق ماتېرىياللار، ھۆججەتلەر، كومپيۇتېرلار ۋە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قازاقلارنىڭ بەرگەن يازما گۇۋاھلىرىنى ئېلىپ كەتكەن. سېرىكجان بىلاشنىڭ خانىمى لەيلا ئادىلجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خادىملار  كېتىشتىن بۇرۇن «ئاتا-جۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ئىشخانىسىنى رەسمىي پېچەتلىگەن.
ئاستاناغا ئېلىپ كېتىلگەن سېرىكجان بىلاش يەكشەنبە بىر قىسقا سىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتايلار ياكى خىتاي جاسۇسلارنىڭ قولىدا ئەمەستىن، بەلكى قازاق ساقچىلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرگەن.


خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلىرىدىن باشلاپ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغاندىن بېرى، سېرىكجان بىلاش قازاقىستاندا «ئاتا-جۇرت پىدائىيلىرى» دېگەن تەشكىلاتنى قۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرى، قازاق ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى، ۋە بەزى قازاقلارنىڭ ئۇنى سوتقا ئەيىبلىشىگە قارىماي ئۆزىنىڭ ھەققانىي پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان.


قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سېرىكجان بىلاشنى توساتتىن قولغا ئېلىشى خىتاينىڭ لاگېر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنى ھەيران قالدۇردى. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە سېرىكجان بىلاشنى قويۇپ بېرىشى، سوتقا تارتىشى ۋەياكى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشى ئېنىق ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.