سېرىكجان بىلاشئوغلى ئۆزىگە بېرىلگەن مىرزاقاماق جازاسىنىڭ داۋامىنى ئالمۇتادىكى ئۆيىدە داۋام قىلىدىكەن

0:00 / 0:00

نۇرسۇلتان شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى سېرىكجان بىلاشئوغلىغا بېرىلگەن مىرزاقاماق جازاسىنى بەش ئايدىن بۇيان 3 قېتىم ئۇزارتقان ئىدى.

8-ئىيۇل ئېچىلغان سوتتا سېرىكجان بىلاشئوغلى ئۆزىگە بېرىلگەن مىرزاقاماقنىڭ تەكرار ئۇزارتىلىشىغا ۋە ئۇنى 20 يىلدىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئالمۇتادىكى ئۆيىدە ئەمەس، بەلكى پايتەخت نۇرسۇلتان شەھىرىدە نەزەربەند قىلىشنىڭ قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتنىڭ قارارىغا دادىللىق بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

سېرىكجاننىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۆمەروۋا 24‏-ئىيۇل ئالمۇتادا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىلاشئوغلىنىڭ 29‏-ئىيۇل كۈنى سوتلىنىدىغانلىقىنى، تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن ئەيىبنامىسىدە بىلاشئوغلىنى باشقىلارنى «جىھاد» قا چاقىرىش، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئايمان ئۆمەروۋا يەنە ئەگەر سوتتا سېرىكجانغا ئارتىلغان بۇ جىنايەتلەر بېكىتىلگەن تەقدىردە ئۇنىڭ 2 يىلدىن 7 يىلىغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى كۈنلەردە مەتبۇئاتلاردا قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلى 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك ئەندىشىلەر مەيدانغا كەلدى.

سېرىكجاننىڭ ئايالى لەيلا ئادىلجان ۋە قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى 29-ئىيۇل رادىيومىزغا ئارقا-ئارقىدىن ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاپ، سېرىكجاننىڭ مىرزاقاماق جازاسىنىڭ نۇرسۇلتان شەھىرىدىن ئالمۇتاغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى، يەنى سېرىكجاننىڭ مىرزاقاماقنى ئەمدى ئالمۇتادىكى ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشى ھەققىدە قارار بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سېركجاننىڭ ۋەكىلى غەيرەت تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىم بىلاشئوغلىنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان سېرىكجاننىڭ سوتىغا قاتناشقان ئىكەن. ئالدىنقى قېتىم، يەنى 8-ئىيۇلدىكى سوتقا ئۇ سوت باشلىنىشقا پەقەت بىر نەچچە سائەت قالغاندا ئاندىن ئۇشتۇمتۇت ئۇقتۇرۇش ئالغانلىقى تۈپەيلى ئالمۇتادىن نۇرسۇلتان شەھىرىگە بېرىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ۋە سوتقا قاتنىشالمىغان ئىدى.

29-ئىيۇلدىكى سوتقا «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى»، «ئاتا يۇرت» ئارقىلىق لاگېرغا قامالغان تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەر ۋە سېرىكجاننىڭ قوللىغۇچىلىرى بولۇپ، 200 دىن كۆپرەك ئادەم قاتناشقان. ئۇلار سوت مەيدانىدا ۋە سوت ئاخىرلاشقاندىمۇ قوللىرىدا سېرىكجانغا ئەركىنلىك، ئادالەت دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.

نۇرسۇلتان شەھەرلىك سوتنىڭ قارارى بويىچە، سېرىكجانغا بېرىلگەن مىرزاقاماق جازاسى يەنە بىر ئاي، يەنى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۇزارتىلغان. ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭغا بېرىلگەن مىرزاقاماق جازاسىنىڭ داۋامى ئالمۇتادا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قارار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قېتىملىق سوتنىڭ قەيەردە ئېچىلىدىغانلىقى تېخى بېكىتىلمىگەن.

«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى سېرىكجان سوتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئىنگلىز تىلىدا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئادالەت تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇر ئاسىيا ئەللىرىگە پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىپلا قالماي، بەلكى قازاقىستانغا ئىدېئولوگىيە جەھەتتىنمۇ سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ يەنە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى بىلىپ-بىلمەي خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى تەھدىتلىرىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ دەپ تەنقىد قىلغان شۇنداقلا خىتاينىڭ تەسىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

قازاقىستان تەپتىش دائىرىلىرى بۇ يىل 3‏-ئايدا ئالمۇتادا قولغا ئېلىنغان بىلاشئوغلىغا «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇش جىنايىتى» ئارتقان بولسا، كېيىن ئۇنىڭغا ئارتقان «جىنايەتلەر» نى بىكار قىلىپ، ئۇنى «جىھادقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىلاشئوغلىنىڭ ئايالى لەيلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى ئۇنىڭ بىر قېتىملىق جامائەت سورۇنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىكى «جىھاد» توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىنى كېسىپ تەھرىرلەپ، ئۇنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قوللانماقچى بولغان. ئەمما ئەسلىدىكى تولۇق ۋىدېيولۇق ئىسپات ئالدىدا سېرىكجانغا ئارتقان ئاتالمىش «جىھادنى تەرغىب قىلىش» دېگەندەك ئەيىبلەشلىرىنى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دەپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.

29-ئىيۇلدىكى سوت مەيدانىدا ئۆزىنى ئاقلىغان سېرىكجان بىلاشئوغلى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلدى» دەپ ئەيىبلىشىنىڭمۇ ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «مەن ۋە ئاتا يۇرت پىدائىيلىرىغا بۇنداق بىر جىنايەت ئارتالمايدۇ، چۈنكى بىز ھېچقاچان مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ باقمىدۇق، بۇنىڭ ئەكسىچە بىز مىللىي باراۋەرلىكى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقنى تەرغىب قىلدۇق. قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېكلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا ئادالەت ئىزدىدۇق. ئۇلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلاتتۇق. بىز ئارقىلىق تارقىتىلغان گۇۋاھلىقلار تەسىرىدە قويۇپ بېرىلگەن مىڭدەك ئىنساننىڭ ئىچىدە باشقا مىللەتلەرمۇ بار. بىز ھەتتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان، دەردىنى ئاڭلىتىشنى خالايدىغان خىتايلارنىمۇ چەتكە قاقمايمىز، ئۇلارنىمۇ ئوخشاشلا قارشى ئالىمىز» دېگەن.

سېرىكجاننىڭ ئايالى لەيلا ئېرىنىڭ ئەتە ئۆزى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن ئالمۇتادا ئۆز ئۆيىدە جەم بولۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىكەن.