قازاقىستاندا بىرقانچە ئايدىن بۇيان مىرزاقاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قازاق پائالىيەتچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ سوتى بۈگۈن كەچقۇرۇن ئالمۇتا ۋاقتى كەچ سائەت 12 دە ئېچىلىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. سېرىكجان بىلاشئوغلى 7 يىلغىچە جەمئىيەتلىك ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلماسلىق شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن.
بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتان شەھىرىدە سوت ئېچىلىپ، ئۇنىڭدا «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى، قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ مىرزاقاماق جازاسىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۆز ئۆيىدە داۋاملاشتۇرۇش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سېرىكجان بىلاشئوغلى ئۈستىدىن سوتنىڭ ئەمدى ئىلگىرىكىدەك نۇرسۇلتان شەھىرىدە ئەمەس، بەلكى 16-ئاۋغۇست كۈنى سائەت 10 دا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئەۋېزوف ناھىيىلىك سوتىدا ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۈگۈن، يەنى 16-ئاۋغۇستتا سائەت 10 بولماي شەھەرنىڭ قۇانىشبايېف كوچىسىدىكى 44-ئۆيىگە ئورۇنلاشقان ئەۋېزوف ناھىيىلىك سوتى ئالدىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ چاغدا سوت بىناسى ئالدىغا 50 كە يېقىن ئادەمنىڭ يىغىلغانلىقىنى كۆردۇق. بۇنىڭدىن تاشقىرى كوچا بويلاپ بىر نەچچە ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ تۇرغانلىقىنى ۋە ساقچىلارنىڭ كۆزىتىپ يۈرگەنلىكىنى بايقىدۇق. سائەت 10 لاردا سوت بىناسى ئالدىغا يىغىلغانلارنىڭ سانى بارا-بارا كۆپىيىپ، 200 دىن ئېشىپ كەتتى. كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە زىيالىيلار، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەمدە جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئوبلاستىنىڭ ناھىيىلىرى شۇنداقلا چىمكەنت، تاراز ۋە باشقىمۇ شەھەرلەردىن كەلگەنلەر، بولۇپمۇ سېرىكجان بىلاشئوغلىنى قوللىغان ياشلار كۆپ بولدى.
سوتنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى تولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبلىرى سوت ۋەكىللىرى تەرىپىدىن چۈشەندۈرۈلمىدى. سېرىكجانغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ كەلگەنلەر بىنا ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ سېرىكجان بىلاشئوغلىنى قوللايدىغانلىقىنى، سوتنىڭ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆز قىلغانلار ئىچىدە چىمكەنت شەھىرىدىن كەلگەن نۇرقان سۇلتانبايئوغلى سېرىكجاننى پۈتكۈل ئەل، پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە قوغداش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز بىرىككەندە قازاقلار ئۆز ۋەتىنىمىزنى، يېرىمىزنى، مۇستەقىل مەملىكىتىمىزنى مۇشۇ يەردە قوغدايلى دەپ كەلدۇق. بۈگۈنكى ھاكىمىيەتنى غۇلىتىپ، تارتىۋېلىش ئەمەس. بىزنىڭ ھاكىمىيەتتىكىلەر، قانۇن ئورگانلىرى شۇنى چۈشىنىشى كېرەك. ھاكىمىيەت ئۈستىدە ئولتۇرغانلار ئۆزىمىزنىڭ قازاقلىرى. تۈنۈگۈن ئوسمان باتۇرنى خىتاي ئۆلتۈردى. تۈنۈگۈن كېڭېسارى خاننى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆلتۈردى. ھە، بۈگۈن ئادەمزاتنىڭ غەمخورچىسى بولغان سېرىكجان خىتاينىڭ ياۋۇزلۇقىنى ئېيتقىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلەمدۇ؟»
مەزكۇر يىغىلىشتا سېرىكجان بىلاشنى قوللاپ سۆزلىگەنلەر ئىچىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارمۇ بولدى. ئۇلار سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ پەقەت قازاقلارلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر، قىرغىز، تاتارلارغا ئوخشاش باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ھوقۇقلىرىنى قوغدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. سوتقا كەلگەنلەر سېرىكجانغا ئەركىنلىك بېرىلىپ، تېز ئارىدا بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار «قازاقلارغا-ئەركىنلىك، سېرىكجانغا-ئەركىنلىك» دېگەن شوئارنى توختىماي توۋلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان جەمئىيەت ئەربابى خاسېن كوجاخمېت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىستېلاسىغا قارشى قانچىمۇ كۆتۈرۈلۈشلەر بولدى. بۇنى تارىختىن بىلىسىلەر. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا سېرىكجان گۇناھكار دېگەن سۆز يالغان. بۇ خەلقنى ئىككىگە بۆلۈۋاتقانلارنىڭ ئىشى. بۇ پەقەت سېرىكجاننىڭ مەسىلىسىلا ئەمەس. بۇنى بىزمۇ ئېيتىپ كېلىۋاتاتتۇق. چۈنكى خىتاينىڭ سىياسىتى باشقا خەلقلەرنى بىر-بىرلەپ يۇتۇشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەي، پۈتكۈل قازاق خەلقى بىرىكىشى كېرەك. بارلىقىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.»
ئارىلىقتا سوتقا كەلگەنلەر بىنا ئىچىگە كىرگەن بولسىمۇ، ساقچىلار سوتنىڭ تېخى باشلانمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى ھەم مۇخبىرلارنى كىرگىلى قويمىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرگەن سېرىكجاننىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۆمەروۋا بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن قايتىپ چىقىپ، سوتنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ھەمدە قازاق، رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئايمان ئۆمەروۋا سوتنىڭ بەلگىلىك سەۋەبلەرگە بىنائەن كەچ سائەت 19 يېرىمغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بىز كەچ سائەت 19 بولماي ئەۋېزوف ناھىيىلىك سوت بىناسى ئالدىغا كەلگىنىمىزدە بۇ يەردە 300 دىن ئوشۇق ئادەمنىڭ يىغىلغانلىقىنى ھەم بۇ يىغىلىشنىڭ تېخىمۇ زور ھەم ھەيۋەتلىك بولغانلىقىنى بايقىدۇق. يىغىلغانلار بىر نەچچە سائەت داۋامىدا سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، قازاقنىڭ دۆلەت گىمىنى ھەمدە قازاقلارنىڭ مىللىي ناخشىلىرىنى ئورۇنلىدى.
سېرىكجان بىلاش ئۈستىدىن بولغان سوت كەچ سائەت 12ل ئەر ئەتراپىدا تاماملاندى. بىز «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى باشلىقى ئېربول دەۋلېتبېكئوغلى بىلەن خەۋەرلەشكىنىمىزدە، ئۇ سوتنىڭ مۇنداق شەكىلدە ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «سېرىكجان بىلاشئوغلىغا قاراشلىق سوت سائەت 10 دا بولماقچى ئىدى. بىراق مەلۇم سەۋەبلەرگە بىنائەن كەچ سائەت 19 يېرىمغا يۆتكەلدى. نەچچە مىڭلىغان خەلق سېرىكجانغا ئەركىنلىك سوراپ، سائەت 12 گىچە تارقىمىدى. سائەت 12 دە سوتنىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى. سېرىكجانغا ئەركىنلىك بېرىلدى. ئۈچ ئاي قەرەلدە ئەركىنلىكىنى چەكلەش جازاسى بەلگىلەندى، يەتتە يىلغىچە جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرگە يېتەكچىلىك قىلماسلىق جازاسى بېرىلدى. ئاساسەن ئەركىنلىكى تۈگەل قايتۇرۇلدى ھەمدە جەمئىيەتتە ئەركىن يۈرۈشكە رۇخسەت بېرىلدى. بۇنى پۈتكۈل قازاق خەلقىنىڭ، پۈتكۈل قازاقىستان خەلقىنىڭ چوڭ غالىبىيىتى دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.»
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى سېرىكجان بىلاشئوغلىنى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتقان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ مۇشۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى ئېيىدا قولغا ئېلىنغان ئىدى.