سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۆت ئۇيغۇر ئۈچۈن ئاۋسترالىيەدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.04.13
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمدۇللا ۋەلىينى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى 2020-يىلى 11-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككە شەھىرىگە بارغاندا سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدۇللا ۋەلى.
RFA/Arslan

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەمدۇللا ۋەلى، نۇرمۇھەممەد روزى، خەلچەم ئابدۇللا، بابۇرە مىرئەخمەت قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىرقاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

بۇ خەۋەردىن كېيىن 12-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سىدنېيدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى مەمەت ئوبۇل ئەپەندى پائالىيەتنىڭ جانلىق ۋە تەسىرلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەمەت چەلەپچى ئەپەندى ۋە جۈرئەت ئەپەندىلەر بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

جۈرئەت ئەپەندى «4 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلماي قويۇپ بېرىلسۇن» شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سىدنېي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر كونسۇلخانىغا 4 ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا خەت تاپشۇرۇپ، جاۋابىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مەھمەت چەلەپچى ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. مەزكۇر باياناتنى ئوقۇپ ئۆتۈشتىن بۇرۇن 3 كىشىلىك ھەيئەت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كونسۇلخانىسىغا كىرىپ، تەلەپ خېتىنى تاپشۇرغان. مەمەت چەلەپچى ئەپەندى مەزكۇر خەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سىدنېيدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا تاپشۇرۇلغان تەلەپ خېتىدە سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 4 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماي تۈركىيەگە ياكى باشقا بىر دۆلەتكە كېتىشكە رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىمۇ تەلەپ قىلىنغان. مەمەت چەلەپچى ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا 30‏-مارت كۈنى مەككىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بۇخەلچەم ئابدۇللا 9-ئاپرېل كەچتە ئۆزى ۋە 13 ياشلىق قىزى بابۇرە مىرئەخمەتنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ماشىنىدا بىر يەرگە ئېلىپ مېڭىلىۋاتقاندا ئۆزىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىن كۆرۈنۈشى تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىدىن، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.