غايىپ دوختۇر سەييارە نىجات 14 يىللىق كېسىلگەن ۋە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلگەن

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ غايىپ دوختۇر سەييارە نىجات ھەققىدىكى ئىزچىل ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ يېقىندا 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئۆتكەن ھەپتە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ ئەھۋال سەييارەنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك3 ‏-دوختۇرخانىنىڭ خادىملىرى ۋە ئۇنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

تۇتقۇنلارنىڭ نەدىلىكىنى ئائىلىسىدىن يوشۇرۇش، 2017‏-يىلى باشلانغان لاگېر تۇتقۇنىدىكى ئالاھىدە تۈزۈملىرىدىن بىرىدۇر. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە دائىرىلەر بۇ تۈزۈم ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ ئورنىنى جەمئىيەتتىن ۋە خەلقئارا جامائەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما تۇتقۇنلار سانىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى كۆپلىكى سەۋەبلىك بۇ تۈزۈمنىڭ ئىجرائاتى مۇمكىن بولمىغان. نەتىجىدە بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى دەسلەپتە كەنت ئىشخانىلىرىدا، كېيىنچە لاگېرنىڭ ئۆزىدە ئېكران ئارقىلىق ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرگەن. ئەمما بۇ كۆرۈشتۈرۈش شەرتلىك بولغاچقا، يەنى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ سىياسىي ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشى، جۈملىدىن «تەربىيەلىنىش» كە ماسلاشقان بولۇشى تەلەپ قىلىنغان بولغاچقا، يەنە بىر تۈركۈم تۇتقۇنلار ئائىلىسى بىلەن تۇتۇلغاندىن كېيىن پەقەتلا كۆرۈشتۈرۈلمىگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك3 ‏-دوختۇرخانىنىڭ غايىپ دوختۇرى سەييارە نىجات دەل ئەنە شۇنداق قىسمەتتىكى تۇتقۇنلاردىندۇر.

سەييارە نىجاتنىڭ ئامېرىكادىكى چوڭ دادىسى ۋە كىچىك ئاپىسىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرى نەتىجىسىدە، غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار خادىملار سەييارە نىجاتنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى3 ‏-قاماقخانىدىن ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسىلگەن ياكى كېسىلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ۋە كۆرۈشۈشىگىمۇ رۇخسەت بەرمىگەن. بۇ ئەھۋال سەييارەنىڭ ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەندىشىگە سالغان، ھەتتا ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە گۇمانى قوزغالغان.

بىز سەييارە نىجاتنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تەپتىش ۋە سوت تارماقلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. بىر ئوتتۇرا سوت خادىمى سەييارە نىجات ھەققىدە ئۆزىنىڭ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانغلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ھەقتە سەييارەنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان 3-‏دوختۇرخانىدىن مەلۇمات ئالالايدىغانلىقىمىزنى، چۈنكى سەييارە ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمىنىڭ ئائىلىسى ۋە3 ‏-دوختۇرخانىغىمۇ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئاشكارلىدى.

ئەمما سەييارنىڭ ئامېرىكادىكى چوڭ دادىسى رەخى ھاجىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار سەييارە ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سەييارەنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان ۋاستىلىك ئالاقىسىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. سەييارەنىڭ تۈركىيەدىكى ھەدىسى نادىرەمۇ سىڭلىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

شۇڭا بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك3 ‏-دوختۇرخانىغا قايتىدىن تېلېفون قىلىپ، سەييارەنىڭ قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە قەيەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.

دوختۇرخانىنىڭ بىر ئالاقىدار خادىمى سەييارە نىجاتنىڭ 14 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ۋە ئاتالمىش «خاتالىقى» نىڭ جازاسىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ ئۇ سەييارەنىڭ قەيەردىكى قايسى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. بۇ خادىم يەنە سەييارە نىجاتنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقىنىڭ كاپالەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارلىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، سەييارە نىجاتنىڭ قاماقخانىدىكى مەزگىلىدە ساقچىلارغا ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمما بۇ ماسلاشماسلىقنىڭ كونكىرېت قايسى تۈزۈم ياكى قايسى ھەرىكەتكە قارىتا بولغانلىقى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر، سەييارە نىجاتنىڭ دادىسى نىجات ئابدۇرېھىم بىر يېرىم يىل، ئاپىسى 6 ئاي لاگېردا يېتىپ چىققاچقا، سىياسىي شەرتلىرى ھازىرلانمىغان سانىلىپ، سەييارە بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

سەييارەنىڭ 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەنلىكىدىن رادىيومىز ئارقىلىق خەۋەر تاپقان رەخى ھاجى ۋە ئايالى پەرىدە خانىم، سەييارەنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ خوش بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇلار سەييارەگە بېرىلگەن جازانىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى مىليونلىغان مەھكۇملارنىڭكىگە ئوخشاشلا ھەقىسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ جازانىمۇ رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.