2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى «شۈرى» ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ توپلىشىپ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە نەچچە ئونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. «شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى» ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «5-ئىيۇل نامايىشى» غا پىلتا بولغان، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيانقى 14 يىل جەريانىدا «شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى» ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. مەزكۇر قانلىق ۋەقەگە 14 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قايتا ئويلىنىشلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر رېئاللىقى بىلەن بولغان باغلىنىشلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 26-ئىيۇن كۈنى «شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى» نىڭ 14 يىللىق خاتىرە كۈنىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان ئۇزۇن يىللىق «ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا غەرەزلىك ھالدا ئۇزۇن مەزگىللىك سەلبىيلەشتۈرۈش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، خىتايغا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ خىتاي ئاھالىلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە يەنە « ‹شاۋگۈەن ۋەقەسى» ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بايان قىلغىنىدەك، ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ماجىرا بولماستىن، بەلكى چوڭقۇر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار قانلىق ۋەقە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، مەزكۇر ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان ئۇزۇن يىللىق «ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى» دەپ ئاتىدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدىغان ۋە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىدىغان غەرەزلىك تەشۋىقاتى، شۇنداقلا 2000-يىللاردىن باشلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇش دولقۇنىدىن ئىزدەش كېرەك ئىكەن.
شىۋىتسارىيەدە ياشاۋاتقان ھەبىبۇللا ئىزچى ئەپەندى، 2009-يىلى 26-ئىيۇندا يۈز بەرگەن «شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى» ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە ئۆزى شاھىت بولغان ئەھۋاللار توغرىسىدىكى كىتابىنى يېقىندا نەشرگە بەرگەن.
«شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى» يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، ھەبىبۇللا ئەپەندى خاڭجۇدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ ۋەقە ئەڭ دەسلەپ تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ۋە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدە تارقالغان بۇ قانلىق ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەققىدىكى ئېلان-چاقىرىقلارنى شۇ يەردە كۆرگەن ئىكەن.
ھەبىبۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئەينى چاغدا تارقاتقان خەۋەرلىرىدە ۋەقەنى كىچىكلىتىپ، ئۇنى «ئادەتتىكى ماجىرا» دەپ ئاتىغان، ھەتتا ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنىمۇ يوشۇرغان. ھالبۇكى، نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى ئىنتايىن قەبىھ ۋە ئېچىنىشلىق بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 17-18 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، ئەينى چاغدا خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلىق كۆرۈنۈشلەردە ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلانغان.
ھەبىبۇللا ئەپەندى، «26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى» سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش ۋە مىللى قىرغىنچىلىق سىياسىتى بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن بارغانچە كۈچىيىپ بارغان.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى تېخىمۇ كەسكىن ھالدا، 2009-يىلىدىكى «شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى» ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە» دەپ كۆرسەتتى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى» ھەققىدە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرغان زور بىر قىسىم «ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى» ۋە تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ، ئۇيغۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە بېرىش نىشانى بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدىنىپ ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ تەرەققىياتى 2009-يىلىغا كەلگەندە، 5000 غا يەتكەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىدىكى گۈللىنىش مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ھالبۇكى، 2009-يىلىدىكى «شاۋگۈەن ۋەقەسى» ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، «ئۇيغۇربىز» ، «دىيارىم» ، «سەلكىن» ، «ئالتۇن تارىم» ، «ئورخۇن تارىخ تورى» قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە تور بەتلىرى «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تاقىۋېتىلگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى، تور باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تور يازارلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئېيتىمىدىكى ئاتالمىش «جىنايەت» لىرى پەقەتلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەقىقىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى؛ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىككە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئەركىن مۇنازىرە مەيدانى ھازىرلاپ بەرگەنلىكى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشتەك جەڭگىۋار رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقى ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىدىيە جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شۇ چاغدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تەھدىت» دەپ قارىلىپ، باستۇرۇش نىشانىغا ئايلانغان ئىكەن.
