«شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمى «ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم- «شاۋقۇن-سۈرەن»، 3-ئىيۇن كۈنى يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئوكلاند(Oakland) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق خەلقئارا ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بۇ فىلىم 2018-يىلىدىن ئېتىبارەن سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغان. فىلىم رېژىسسورى داۋىد نوۋاك (David Novack) بىلەن فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) ئىككەيلەن، بۇ فىلىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن، نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، تۈركىيە، قازاقىستان، نورۋېگىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر، شاھىتلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان.

«شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمىنىڭ رېژىسسورى داۋىد نوۋاك، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ۋىللىڭتون( Wellington) شەھىرىدىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى قوللىنىپ، بۇ فىلىمنىڭ دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈرمەنلەرگە يەتكۈزۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

«بىز بۇ فىلىمنىڭ ئىمكانقەدەر تېخىمۇ كۆپرەك كۆرۈرمەنلەرگە كۆرسىتىلىشىنى، ئۇلارنىڭ دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىشىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر رېئاللىقىدىن خەۋەر تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئۇلارنىڭ ئاخبارات ۋە تاراتقۇ ۋاستىسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۇ خىلدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەر ئارقىلىقمۇ بۈگۈنكى ئىنسانىيەت دۇنياسىنى چۈشىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. دەرۋەقە، بۇ نۇقتا بىزنىڭ ‹شاۋقۇن-سۈرەن› فىلىمىنى ئىشلىشىمىزنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.»

«شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمى 1-ئىيون كۈنى يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئوكلاند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق خەلقئارا ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا تاماشىبىنلار بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەن. بۇ يىللىق فىلىم فېستىۋالىغا 4000 دىن ئارتۇق ھۆججەتلىك فىلىم قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن دەسلەپكى قەدەمدە 70 مۇنەۋۋەر فىلىم تاللىنىپ چىقىلغان. بۇ نۆۋەتلىك فېستىۋالغا تاللانغان فىلىملار 9 كاتېگورىيە بويىچە تۈرگە ئايرىلىپ باھالانغان. 3-ئىيۇن كۈنى «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «جىنايەت ۋە سۇيىقەست» فىلىملىرى كاتېگورىيەسىدىكى «ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم» تىزىملىكىگە تاللانغان. شۇنداقلا يەنە، «جىنايەت ۋە سۇيىقەست» فىلىملىرى كاتېگورىيەسى ئىچىدىن تاللانغان 6 فىلىمنىڭ ئىچىدە ئومۇمىي جەھەتتىن «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 2 فىلىمنىڭ بىرى بولغان. قالغان 4 فىلىم ئايرىم تۈرلەر بويىچە «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

رېژىسسور داۋىد نوۋاك (David Novack) ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «شاۋقۇن – سۈرەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى.
رېژىسسور داۋىد نوۋاك (David Novack) ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «شاۋقۇن – سۈرەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى. (allstaticandnoise)

فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى:

«مەن بۇ قېتىم يېڭى زېلاندىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ فىلىمىمىزنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادا خىتاينىڭ قىلمىشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان باشقا كىشىلەرنىمۇ بىر يەرگە توپلايدىغان ياخشى بىر سەھنە بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بىزنىڭ بۇ قېتىم ئوكلاندتا تۇرغان ۋاقتىمىز، دەل ‹4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى› يۈز بەرگەن كۈنگە توغرا كەلدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ تارىخىي بىر كۈن بىزنىڭ فىلىمىمىزنىڭ قىممىتىنى تەشۋىقات كۈچىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى. شۇنىڭ بىرگە بىز ئوكلاندتىكى يېڭى زېلاندىيە پارلامېنت ئەزاسى بىزگە يەھۇدىيلار جەمئىيىتىدىكىلەر بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، ئۇلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا مۇيەسسەر بولدۇق. بىز كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان بۇ رەھىمسىز باستۇرۇشلىرىنى تونۇپ يېتىپ، زۇلۇمغا بىردەك قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى خىىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ بىر تەھدىت، دەپ قارايمەن.»

نورۋىگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، يازغۇچى، مەزكۇر فىلىمدىكى ئاساسلىق پېرسوناژ، شۇنداقلا بۇ فىلىمدىكى گۇۋاھچىلارنى تەرتىپلەش خىزمىتىگە كۈچ چىقارغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى فىلىم فېستىۋالغا تەكلىپ بويىچە قاتناشقان. ئۇ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، تىلى، مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى ھەرگىزمۇ يوقىتالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك فىلىم فېستىۋالدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىنكى پەيدا قىلغان تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر فىلىمدە، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ شەخسىي سەرگۈزەشتلىرىدىن باشقا يەنە ئامېرىكادىكى ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرى بويىچە تەتقىقاتچىسى جەۋھەر ئىلھامنىڭمۇ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەۋھەر ئىلھاممۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى ئېلخەت ئارقىلىق مۇنداق بايان قىلدى:

«تولىمۇ ئەپسۇس، مەزكۇر فىلىمنىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى تۇنجى مەيدان قويۇلۇشىغا مەن فىلىم ئەترىتى بىلەن بىللە قاتنىشالمىدىم. ئەمما فىلىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. بۇ بىز قاتناشقان بۇ ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا ئېرىشكەن تۇنجى قېتىملىق مۇكاپاتى ھەم ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ خىل ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىش تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش. چۈنكى بۇ يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان بولغان تونۇشىنىڭ ئۆسكەنلىكىنىڭ، ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. مەن بۇ فىلىمنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتىگە قوزغاتقۇچى بولۇشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىدىن سىگنال بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خىتاي دائىرىلىرى خەلقىمىزگە يۈرگۈزىۋاتقان ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان بۇ جىنايەتلىرىنى توختاتمىغۇچە، بىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايمىز!»

خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرى، زۇلۇملىرى، جۈملىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇپ، تاشقىي دۇنياغا پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارادىكى داڭلىق رېژىسسورلار ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەر تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى، خىتاينىڭ تەشۋىقات ساھەسىدىكى رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. بۇنداق فىلىملەرئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسى بولماقتا.

فىلىم رېژىسسورى داۋىد نوۋاك بۇ فىلىمنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلىرىغا بېرىدىغان سىگنالى ھەمدە خىتايغا قانداق ئۇچۇر يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇنۇلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى: «مېنىڭچە، بىزنىڭ بۇ فېستىۋالدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمىز، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ فىلىم فېستىۋاللىرىغا قاتنىشىشىمىزغا يول ئېچىپ بەردى. ئەمما مەن ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك بولغىنى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئاۋازلارنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ھازىر ھەقىقەتنى كۆرمەكتە، دىققەت قىلماقتا. ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىكى نىداسىنى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىماقتا، بۇندىن كېيىنمۇ ئاڭلايدۇ.»

فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارتمۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچۈن بۇ فىلىمنىڭ مەزكۇر گىلىم فېستىۋالغا تاللىنىشىنىڭ ئۆزىلا بىر چوڭ غەلىبە. دېمۇكىراتىك ئەللەردە سىياسەت بىلەن سەنئەت بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئەمەس. ئەمما خىتايدا بولسا سەنئەت ھاكىمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا قاتتىق چەكلىنىدۇ. ھالبۇكى، بىز بۇ خەلقئارالىق سەھنىدە ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل ئاۋازىمىزنى ئەركىن بايان قىلىۋاتىمىز. ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنداقلا بىزگە دەستەك بولغان بۇ فېستىۋالدا ھېچكىم بىزنى توسىيالمايدۇ، ھەتتا خىتاينىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايمىز. مەن بىر فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈشنى، خىتاي تەرىپىدىن خورلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەبلىك سادالىرىغا ئاۋاز قوشۇشنى بۇرچ دەپ بىلىمەن.»

ئىگىلىنىشچە، خەلقئارالىق يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋاللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان يېڭى زېلاندىيەنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى، 2005-يىلى يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىرى خېلېن كلارك تەرىپىدىن ئوكلاند شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان. 2010-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ فېستىۋال يېڭى زېلاندىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشلەنگەن ئالدىنقى قاتاردىكى ھۆججەتلىك فىلىملەرنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈش ۋە تونۇتۇش ئۈچۈن رەسمىي يوسۇندا «خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان، بۇ فېستىۋال پۈتۈن دۇنياغا ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدىغان مۇھىم بىر سەھنە بولۇپ كەلمەكتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى زېلاندىيەدىكى 18-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى 24-ماي باشلانغان بولۇپ، 9-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىكەن. «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىم ئەترىتى بۇ نۆۋەتلىك فېستىۋالنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئوكلاند، ۋېللىنگتون ۋە ۋىرتۇئال قاتارلىق شەھەرلىرىدە فىلىم كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىكەن.