شايار گۈلباغدا «ساختا ئۇچۇر» تارقاتقانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلارنىڭ 1 ئەمەس 18 كىشى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.04.01
خىتايدا «شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى» يولغا قويۇلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يانفون ئىگىلىرى تور ساقچىلىرىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغان. 2015-يىلى نويابىر.
AFP

خىتاي دائىرىلىرى قەرەللىك ھالدا ئېلان قىلىپ تۇرۇۋاتقان «ساختا ئۇچۇر دېلولىرى» خەۋەرنامىسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 22 ‏-كۈنىدىكى بۆلىكىدە 9 كىشى ئىسمىنىڭ باش بوغۇمى بىلەن تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ خەۋەردىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىدە شايار ناھىيە گۈلباغ يېزىسىدىن «ئا» دەپ تىلغا ئېلىنغان كىشىنىڭ ئابدۇراخمان توختى ئىسىملىك بىر تىجارەتچى ئىكەنلىكى، يېقىنقى ئايلاردا، گۈلباغ يېزىسىدىن جەمئىي 18 كىشىنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقاتتى دەپ جازالانغانلىقى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

خىتاي ج خ تارماقلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان «ساختا ئۇچۇر» دېلولىرى خەۋەرنامىسىدە ئالتاي، چۆچەك، ئاقسۇ، خوتەن ۋە بورتالا قاتارلىق 4 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن جەمئىي 9 كىشىنىڭ كىملىك ۋە قىلمىشلىرىدىن يىپ ئۇچلىرى بېرىلگەن. يېزىلىشىچە، بۇ كىشىلەر ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت بەلگىلىمىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان. توقۇلما دەپ ئەيىبلەنگەن بۇ خەۋەرلەر ئۆز دائىرىسىدە قىزىقىش ۋە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. دائىرىلەر بۇ ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنى «جەمئىيەتتە سەلبىي تەسىرات پەيدا قىلغان ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان» دەپ ئەيىبلەپ ھەر خىل مەمۇرى جازالار بەرگەن.

بىز بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، تىلغا ئېلىنغان دېلولارنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. ئالتاي ۋە چۆچەكتىكى ئالاقىدار خادىملار، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

 مەزكۇر خەۋەرنامىدە بورتالا ۋە خوتەندىكى ئىككى ئاھالىنىڭ يەر تەۋرەش ھەققىدە ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن قىزىلسۇنىڭ ئاقچى ناھىيەسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، ئەمما، دائىرىلەر ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاھالىلەر ئاپەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارىلىق ئىگىلىگەنىدى.

 خوتەن لوپتىكى ساقچى خادىمىمۇ مەزكۇر دېلو ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

 دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىقى خەۋەرنامىسىدە دېيىلىشىچە، شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىدىكى بىر ئاھالىگە رايون ۋەزىيىتى ھەققىدە ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن 10 كۈنلۈك مەمۇرى قاماق جازاسى بېرىلگەن. بىز شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ دائىرىلەرنىڭ ئاخباراتىدا ئىسمىنىڭ باش بوغۇمى «ئا» دەپ ئاتالغان بۇ كىشىنىڭ كىملىك ۋە قىلمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.

 تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلباغ بازارلىق ساقچىخانا خادىمى يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر قاتار تەكشۈرۈشلىرى داۋامىدا بىر قىسىم گۇماندارلارنىڭ بايقالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە بۇ تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، تېلېفونلىرىدىن مەسىلە چىققان ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېزا بويىچە «ساختا ئۇچۇر» تارقاتقانلاردىن جەمئىي 18 كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇلاردىن بىرى ئابدۇراخمان توختى ئىسىملىك تىجارەتچى بولۇپ، ئۇ 15 كۈن قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. دائىرىلەرنىڭ خەۋىرىدە گۈلباغ يېزىدىكى گۇماندارنىڭ بۇ يىل 2 ‏-ئاينىڭ 17 ‏-كۈنى تۇتۇلغانلىقى ۋە 10 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى. مەزكۇر خادىممۇ، ئابدۇراخمان توختى ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئۆزىنىڭ 12 ‏-ئاينىڭ 17 ‏-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

يۇقىرىدا، خىتاي دائىرىلىرى قەرەللىك ئېلان قىلىۋاتقان ساختا ئۇچۇر تارقاتقۇچىلار دېلو تىزىملىكىدىكى سايار گۈلباغلىق گۇماندارنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشقانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە 18 كىشىنىڭ جازالانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.