«كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.01.16
Exmet-dawutoghlu-1024 «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 14-يانۋار كۈنى ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 14-يانۋار، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى بىر قىسىم پارتىيەلەرنىڭ قۇرۇلتاي ۋە يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەر دائىملىق كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 14-يانۋار كۈنى ئەنقەرەدە ئاتاتۈرك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا ئىگە چىقىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 14-يانۋار، ئەنقەرە
ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 14-يانۋار، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ 4 يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 2-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن مىڭلىغان ۋەكىل قاتناشتى. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن  ئىشتىراك قىلدى. «كېلەچەك» پارتىيەسى 2019-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيە بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى. گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئىچىدە باشلانغان مۇراسىمدا ئالدى بىلەن «كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ  ئەپەندى مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى پەلەستىن مەسىلىسى قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىنسانلىق مەسىلىسى، شۇڭا ھازىر دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇرماقتا. بۇلاردىن سىرت شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز، ئۇيغۇرلار بىزنىڭ جان قېرىنداشلىرىمىزدۇر. ئۇيغۇرلار ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىماقتا. بىز ‹كېلەچەك› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كۆرۈشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى، ھەر دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچىمەن.»

ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلارنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 14-يانۋار، ئەنقەرە
ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلارنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 14-يانۋار، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلتاي ئەھلىگە تۈركىيەدىكى داڭلىق سەنئەتچىلەرنىڭ كونسېرت بېرىشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلتاي 9 نەپەر تۈركىيە ئەسكىرى شىمالىي ئىراقتا شېھىت بولغان كۈنگە توغرا كەلگەن بولغاچقا بىكار قىلىنغان.

مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن تەكلىپ بويىچە بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشتىم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قۇرۇلتايغا بولغان تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەن بولدۇق. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان كىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى ئومۇمىي يىغىن ئەھلىگە جاكارلىغان بولدى.»

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى قۇرۇلتايدا «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئۆزىنىڭ نۇتۇقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «‹كېلەچەك› پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئۆزىنىڭ نۇتۇقىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر دائىم قوللايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش يولىدىكى قارارلىرىنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇلاردىن باشقا پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتى توغرىسىدىمۇ توختالغان بولدى. بۇندىن كېيىنمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ تارقىتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.»

ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلارنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 14-يانۋار، ئەنقەرە
ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلارنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 14-يانۋار، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى قۇرۇلتايدا «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈردۇق. چۈنكى بۇ كىشى مەيلى تۈركىيەنىڭ ئىچىدە بولسۇن، مەيلى سىرتىدا بولسۇن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان بارلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ. يىغىنلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىر-كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلىشىپ كەلمەكتە. بۇ كىشىگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە رەئىسىمىز دولقۇن ئەيسانىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەن بولدۇق.»

«كېلەچەك» پارتىيەسى 2019-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى چىققاندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە ئۆز پارتىيەسىدە كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى، دوكلات بېرىش يىغىنلىرى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل ھالدا قاتنىشىپ كەلمەكتە. مەزكۇر پارتىيە ئۆتكەن يىلى 29-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن توكيودىكى ياپونىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان  «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىغىمۇ  ئۆزىنىڭ بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى مەخسۇس ئەۋەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.