«شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا تۈركىيەنىڭ رولى ھەققىدە دوكلات تەييارلىدى
2024.08.02
ئامېرىكا ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئويغا سالماقتا. شۇ سەۋەبتىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە، جۈملىدىن تۈركىيەدە «ئۇيغۇر دەۋاسىنى قانداق قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرەلەيمىز؟ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدە قانداق كونكرېت خىزمەتلەرنى قىلىش لازىم» دېگەندەك سوئاللارغا چۈشكەن پىكىرلەرنى رەتلەپ، قىسقا دوكلات تەييارلاپ چىققان ھەمدە 1-ئاۋغۇست كۈنى باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاۋاتقان تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا يوللاپ بەرگەن. بۇ دوكلات 5-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، تۈرك سىياسەت تەتقىقات ۋەخپىسى ۋە خەلقئارا ياش بىلىم ئادەملىرى تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىرى ھەم باشقا كۆپ ساندىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ئىشتىراك قىلغان چوڭ يىغىندا چۈشكەن پىكىرلەر ئاساسىدا تەييارلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1952-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن ھەمدە چەت ئەلدە ئۇيغۇر داۋاسىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇلار «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدۇق» دېگەن شوئار ئاستىدا تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ئاساستا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلاتقان. بۇ دوكلاتنى تەييارلىغۇچى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ توغرىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ياكى بۇندىن كېيىن ھەمكارلىشىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ دوكلاتنى تەييارلاپ، ھەرقايسى تەشكىلاتلارغا يوللاپ بەردۇق» دېدى.
«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدە نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ » ماۋزۇلۇق دوكلات تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسىمدا تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىدارىلىرىگە دەۋانى قانداق ئاڭلىتىش ۋە كونكرېت يوسۇندا نېمىلەرنى تەلەپ قىلىش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى قىسىمدا بولسا ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى بىر-بىرلەپ بايان قىلىنغان. ئۈچىنچى قىسىمدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈركىيەدىكى تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تېمىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان. دوكلاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.
دوكلاتنى تەييارلىغۇچى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ھەمدە دەۋانىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا بۇ دوكلاتنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلەرنىڭ مۇشۇ دوكلاتقا ئاساسلانغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
1910-يىلى قۇرۇلغان، تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتى بىلەن ئەزەربەيجاندا ئۆز شۆبىسىنى تەسىس قىلغان «تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى، پىروفېسسور مەمەت ئۆز ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىنمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلگەندەك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرى مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەھىمىلىك بولغىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدۇر. بۈگۈن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بەزىدە ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن بۇ يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلگەندەك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بۇ دوكلات بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. »
د ئۇ ق ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلھەمىدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى، ئىسلام دۇنياسىدا نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا ئايرىم ئايرىم دوكلات تەييارلىنىدىكەن.