شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى ۋە تۈركىستان قەھۋەخانىسىدا يېڭى ئۇسۇلدا تەييارلانغان، «تۇرانيۇم» دەپ نام بېرىلگەن كۆك بايراق رەڭگىدىكى چاي كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
بۇ چاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن تەڭ تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە دېمىرئۆرەن ئاگېنتلىقى، NTV قاتارلىق كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئۇ توغرۇلۇق مەخسۇس پىروگراممىلار تارقىتىلدى.

بۇ كۆك چاي كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى ۋە ئۇنىڭ تەمىنى تېتىش ئۈچۈن يىراق-يىراقلاردىن كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىگە كېلىپ، بۇ چاينى ئىچىشكە باشلىدى.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ئۆيى ۋە تۈركىستان قەھۋەخانىسىنىڭ مەسئۇلى بارىش كۇرت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بارىش كۇرت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ چاي ئەسلىدە تۈركىيەدە چىقىدىغان يابان مەرسىنى (Blueberry) نامدىكى بىر خىل مېۋىنى شېكەر ئارىلاشمىسى بىلەن يەرلىك ئۇسۇلدا تەييارلاش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، بۇ چاينىڭ رەڭگى شەرقىي تۈركىستاننىىڭ كۆك بايرىقىغا ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن، تۇران ئاتالغۇسىنى كۆزدە تۇتۇپ «تۇرانيۇم» دەپ نام بېرىلگەن، بۇ پىكىرنى مۇشۇ چاينى ئىچكىلى كەلگەن بىر مۇشتەرى ئوتتۇرىغا قويغان.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ ھويلىسىغا جايلاشقان تۈركىستان مەدەنىيەت ئۆيى ۋە تۈركىستان قەھۋەخانىسى 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ھەم ئۇيغۇر تاماقلىرى ھەم چاي-قەھۋە-پىچىنە تۈرۈملىرى بازارغا سېلىنغان، بۇ ئورۇندا خالىغانلار ئۇيغۇرچە تاماق يەيدىكەن، خالىغانلار چاي-قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرالايدىكەن.
بارىش كۇرت ئەپەندى، بۇ چاي توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ چايغا قىزىقىشقا باشلىغانلىقىنى، ھەر كۈنى 200-300 ئىستاكان چاي سېتىلىۋاتقانلىقىنى بىر ئىستاكان چاينىڭ باھاسىنىڭ 30 لىرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بارىش كۇرت ئەپەندى بۇ چاي توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «رەڭگى ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەڭگىگە ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەم بۇ يەر شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ قارمىقىدىكى بىر ئورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ چاينى مەنىدار دەپ قاراپ رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن ۋە ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلارمۇ بار. شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۆك چاي بىلەن ئەستە ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. «تۇرانىيۇم» نامىنى بىز تاپمىدۇق، ئۇ چاي ئىچىش ئۈچۈن كەلگەن بىر خېرىدارنىڭ تەكلىپ پىكرى ئىدى، «تۇرانيۇم» چېيىنى شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدۇ دەپ قارايدىغانلارمۇ بار، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بۇ چاينىڭ رەڭگى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىغا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا «تۇرانيۇم» دەپ ئىسىم قويدۇق ۋە پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇردۇق.
بارىش كۇرت ئەپەندى بۇ كۆك چاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۇ چاينى كۆرگەنلەرنىڭ ئېسىگە كېلىشكە باشلىدى، بىز بۇنىڭدىن بەك مەمنۇن بولدۇق، بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۇنتۇلۇشىنى ھەرگىز خالىمايمىز».
بىز بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئىلھان تۇرانلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە «تۈركىستان مەدەنىيەت ئۆيى ۋە قەھۋەخانىسى» نامىدا بىر ئاشخانا ئاچقان؛ بۇ ئاشخانىدا لەغمەن، پولۇ، مانتا قاتارلىق ئۇيغۇرچە تاماق چىقارغان؛ كېيىن «تۇرانيۇم» چېيىنى تەييارلاپ بازارغا سالغان.

ئىلھان تۇرانلى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نۇقتا، بۇ چاي كۆك بايراقنىڭ رەڭگىگە سىمۋوللۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ يەرگە چاي ئىچىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز يالغۇز چاي ئىچىپلا كەتمەستىن، بەلكى تاملارغا ئېسىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇلغان رەسىملەر ۋە لەۋھەلەرنى كۆرۈپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ، شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ھەدىيە بېرىپ تارقىتىۋاتىمىز، بەزى ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، كىشىلەرنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئاڭ-چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. تۇرانيۇم چېيى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق».
ئىگىلىشىمىزچە، ئىستانبۇلدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تۇرانيۇم چېيىغا قىزىقىپ، يىراقلاردىن كېلىپ بۇ چاينىڭ تەمىنى تېتىماقتا ئىكەن. تۈرك ئوقۇغۇچىلىرىدىن زەينەپ چېلىكئەل ئىسملىك بىر قىز، «دېمىرئۆرەن خەۋەر ئاگېنتلىقى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان سۆزىدە: «بۇ چاينىڭ تەمى بىزنى بالىلىقىمىزغا قايتۇردى، بۇ بىز بىلىدىغان بىر تەم بولسىمۇ لېكىن بىزگە يەنىلا يېڭى تۇيۇلدى، بىز بۇ چاينى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدۇق، بۇ بىزنىڭ بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشىمىز، پەقەت مۇشۇ چاينىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈنلا ناھايىتى يىراق بولغان ئۈمرانىيەدىن كەلدۇق» دېگەن.
