«شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» يېڭى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ خىزمەت ئىشخانىسى ئېچىلدى
2024.10.14
ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» ئۆتكەن ئاي ئىدارە ھەيئەت سايلىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يېڭى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا يېڭىدىن خىزمەت ئىشخانىسى ئېچىلدى. 10-ئاينىڭ 11-كۈنى بۇ ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش ۋە خىزمەت باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى ئابدۇللاھ مۇھىددىنئوغلۇ، يېڭى ئىدارە ھەيئەتنىڭ بۇ خىزمەت ئىشخانىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق خىزمەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆزىدە، «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ 2018-يىل قۇرۇلغاندىن بۇيان بىر قىسىم ياشلارنى تەربىيەلەپ دەۋا سېپىگە قوشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىدا خىزمەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللاھ مۇھىددىنئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ يېڭىدىن ئېلىپ بېرىلغان سايلىمىدا ئابدۇللاھ مۇھىددىنئوغلى رەئىسلىككە، مەردان ئۇيغۇر ۋە زىكرۇللا ئالىم مۇئاۋىن رەئىسلىككە، مۇھەممەد ئېلى ئاتايۇرت رەئىس ۋەكىللىكىگە، ئابدۇللاھ سىدىقئوغلۇ باش كاتىپلىققا سايلانغان. بۇ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.
ئابدۇللاھ مۇھىددىنئوغلۇ سۆزىدە يەنە «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۈچ قوشالايدىغان ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈشنى يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن كىتاب نەشر قىلىش ھەم ۋىدىيولۇق پىروگرامما تارقىتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيەگە ھەم خەلقئاراغا ئاڭلىتىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ياشلار تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىپ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللاھ مۇھىددىنئوغلۇ يەنە تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۆز ئىچىمىزدە بەزى مەسىلىلەر ۋە پىكىر ئىختىلاپلىرى بولسىمۇ، دىققىتىمىزنى تۈپ نىشانغا قارىتىپ، دەۋايىمىزغا ۋە مىللىتىمىزگە خىزمەت قىلىمىز» دېدى.
يىغىندا سۆز قىلغان «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى مۇھەممەد ئېلى ئاتايۇرت، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرى ۋە بىر قىسىم نەتىجىلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
ئۇ سۆزىدە، ياشلار ئارىسىدا ئىلمىي ۋە سىياسىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يىغىن ۋە كۆرگەزمىلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، تۈركىيەدە جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇھەممەد ئېلى ئاتايۇرت سۆزىدە يەنە ياشلارنىڭ دەۋا يولىدىكى رولى ۋە مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋەتەننىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى ھاياتىمىزغا تەتبىقلاش ئارقىلىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان بۇ مەشئەلنى ئۆچۈرمەسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يەتتۇق. يېڭى نەسىل ياشلىرى مۇقەددەس دەۋايىمىزنى، بولۇپمۇ ئۆزلىرى خىزمەت قىلىۋاتقان جەمئىيەت-تەشكىلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي تىرىشىۋاتىدۇ. دۇنيا ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پۇرسەتلەر ۋە شارائىتلار بىزنى دەل ۋاقتىدا، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندىمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن ياش خىزمەت گۇرۇپپىلىرى لازىم، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا كۈنتەرتىپى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر-تېخنىكا دۇنياسىدا يېڭىلىق يارىتىش لازىم».
ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنى ۋە يېڭىدىن ئېچىلغان خىزمەت بىناسىنى تەبرىكلەشتى. شۇنداقلا ياشلارنى خىزمەت-پائالىيەتلىرىدە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھەر ۋاقىت قوللاپ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
يىغىن ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نى قوللاپ ماددىي جەھەتتىن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. يىغىنغا قاتناشقان شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن بۇ خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ بىر يىللىق ئىجارە چىقىملىرىنىڭ ھەل بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.