غۇلجا چۇلۇقايدىكى چىڭخۇا ئېنىرگىيە شىركىتىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنى تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

يېقىندا مۇخبىرىمىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ چۇلۇقاي يېزىسىدىكى بىر ئاھالە بۇ يېزىغا ماكانلاشقان چىڭخۇا ئېنىرگىيە شىركىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. مەزكۇر ئىشچى شىكايىتىدە ئۆزىنىڭ كېچە-كېچىلەپ ئىشلەپ ئاران ئايدا 1500 يۈەن ئالىدىغانلىقى ۋە ھازىر سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بايان قىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر شىركەتنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنى زاۋۇتنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىشلىرىغا سېلىپ، تۆۋەن ئىش ھەققى بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2009‏-يىلى غۇلجا چۇلۇقايدا ئىش باشلىغان چىڭخۇا ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ ئىشخانا ۋە زاۋۇت-فابرىكىلىرىدا 2800 نەپەر ئەتراپىدا ئىشچى-خىزمەتچى بار ئىكەن. يېقىندا قولىمىزغا چۈشكەن بىر ئاۋازلىق ئىنكاستا، مەزكۇر شىركەتنىڭ كۆمۈر ئېنېرگىيە زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئىشچىنىڭ شىكايەتلىرى بايان قىلىنغان. ئەسلىدە غۇلجا ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا يوللانغان بۇ شىكايەتتە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئىشچى ئون نەچچە يىلدىن بېرى بۇ ئېنېرگىيە زاۋۇتىنىڭ كان ئىشچىلىقىدىن تارتىپ قوغداش خىزمىتىگىچە ھەر ساھە ئىشلىرىنى قىلىپ باققان بولسىمۇ، ئىش ھەققىدە قىلچە ئىلگىرىلەش بولمىغان. ئاۋاز خاتىرىسىدە ئەسكەرتىلىشىچە، مەزكۇر ئىشچى كېچە-كۈندۈز ئىشلەپ، ئايلىقىغا ئاران 1500 يۈەن مۇئاش ئالغان. نەتىجىدە تۇرمۇشتا بارغانسېرى نامراتلىشىپ، ئۆزىنى كېسەل چىرمىغان. ئەمما ئاۋاز خاتىسرىدە، ئۇنىڭ كونكىرېت نىمە كېسەلگە گرىپتار بولغانلىقى، بۇنىڭ ئېغىر ئەمگەكتىن ياكى مۇھىتتىن شەكىللەنگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن.

چۇلۇقايدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كوماپرتىيە ئەزاسى ۋە ئامانلىق مۇدىرى، مەزكۇر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنى ئىش بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى مەدھىيەلەش داۋامىدا، بۇ زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئايلىقىغا ئاران 1000 يۈەن ئەتراپىدا مۇئاش ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭغا يوقۇرىقى ئاۋازلىق ئىنكاستىكى ئۇچۇرنى يەتكۈزگىنىمىزدە، ئۇ مەزكۇر زاۋۇتتا مۇقىم ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭلا 1500 يۈەن ئالالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە بۇ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ۋە غۇلجا ناھىيەسىدىن قوبۇل قىلغىنغان خىتاي ئىشچىلارنىڭ بولسا، ئاز دېگەندە 3000 يۈەن بىلەن 5000 يۈەن ئارىسىدا مۇئاش ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما زاۋۇتنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئەكىلىنگەن تېخنىك خادىملىرى ۋە ئىشچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈستۈن مۇئاش ئالىدىغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتتى.

بىز يەنە بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، چىڭخۇا ئېنېرگىيە شىركىتى يېنىك سانائەت زاۋۇتىنىڭ قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان بىر ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان پونكىت باشلىقىمۇ بۇ زاۋۇتنىڭ، يەرلىك ئاھالىلەر ئىچىدىكى نامرات ئائىلىلەرگە يىلىغا 200-300 توننا ھەقسىز كۆمۈر چۈشۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ زاۋۇتتا كۆمۈر توزاڭلىرىنى تازىلاش، گاز تۇڭلىرىنى يۆتكەش قاتارلىق ئەڭ ئېغىر ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ يەنە زاۋۇتتىكى خىتايلارنىڭ پۈتۈنلەي زاۋۇتنىڭ مەمۇرىي ۋە يوقۇرى تېخىنىكىلىق ئىش ئورۇنلىرىنى مونوپۇل قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

تور ئارخىپلىرىدىكى بىر خەۋەردە ئىلى چىڭخۇا ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ 2018‏-يىلى 7‏-ئايدا چۇلۇقايدا بىر كاتتا مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى، يىغىنغا شىركەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلرىنىڭ قاتاناشقانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەمما خەردىكى سۈرەتلەردە مەيلى رەھبەرلەر، مەيلى ئىشچىلار قاتارىدا بولسۇن، بىرمۇ ئۇيغۇر سىياقىدىكى كىشىنىڭ سۈرىتى كۆزگە چېلىقمايدۇ.