تۈنۈگۈن، يەنى 1-ئىيۇل كۈنى ۋاشىنگتون، ئامىستېردام، جەنۋە، بىريۇسسېل قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش خىتاينىڭ 1-ئىيۇل كۈنى ئىجراغا قويۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قانۇنىغا قارشى داۋام قىلدى.
ۋاشىنگتوندىكى نامايىشتا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۆمەر قانات ۋە رۇشەن ئابباسلار سۆز قىلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قانۇنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىشقا تىبەت ۋە موڭغۇللاردىن باشقا خوڭكوڭلۇقلار، گۇاڭدۇڭلۇقلار ۋە جۇاڭزۇلارمۇ قاتناشتى. بۇ كۆپ مىللەتلىك نامايىشتا، خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنىڭ ئۆز جەمئىيەتلىرىدە قاتتىق ئەندىشە ۋە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پائالىيەتچىلەر خەلقئارا جامائەتچىلىكنى خىتاي سىياسىتىدىكى بۇ شۇم غەرەزلىك ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشقا ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
ئالدىنقى كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىمۇ خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان.
خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نامىدىكى مەزكۇر قانۇنى بۇ يىل 3-ئايدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان، ياۋروپا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ بۇ قانۇنىنى ئەيىبلەپ قارار ماقۇللىغان ئىدى.
