خىتاينىڭ «شىنجاڭ شاھمات تاختىسى» دا جەنۇبقا نوپۇس يۆتكەش ئويۇنى
2024.11.06

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان جاي بولۇپ، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، تەدرىجىي گۈللەنگەن» دېگەندەك بايانلارنى تەكرارلاشقا ئۆتكەن. شۇنداقلا بۇنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىناقلىقنىڭ مىسالى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان. ھالبۇكى مەۋجۇت رېئاللىق بۇنىڭغا كۆپلىگەن سوئاللارنى تاشلايدۇ.
ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ «ئورتاق ماكانى» غا ئايلاندۇرۇش
«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 4-نويابىردىكى خەۋىرىدە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قانچە مەھەللىنى زىيارەت قىلىپ، «خىتاينىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدا ئۇيغۇر، خىتاي، قازاق، مانجۇ ۋە تۇڭگان (خۇيزۇ) قاتارلىق كۆپ مىللەت كىشىلىرىنىڭ تەڭرى تېغى ئېتىكىدىكى بوستانلىقتا بىللە ياشايدىغانلىقى» نى كۆرگەنلىكى ئېيتىلغان.
مەزكۇر خەۋەردە بىڭتۈەن 12-دىۋىزىيەسى شىشەن دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئەنكاڭ مەھەللىسى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يەردە 14 مىللەتتىن كەلگەن 5000 دىن ئارتۇق ئاھالە ياشايدىكەن. شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەر شەھىرىدىن شەرقىي كۆل (دۇڭخۇ) مەھەللىسىنى مىسالغا ئالغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ جايدا تۇڭگان، تاجىك، قازاق، موڭغۇل، ئۇيغۇر ۋە خىتاي قاتارلىق ئالتە مىللەتتىن بولغان 2600 ئائىلە بىللە ياشايدىكەن.
گەرچە خەۋەردە بۇ كۆپ مىللەتلىك مەھەللىلەردە «ھەممىلا كىشىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، خەۋەردىكى «يېقىندا شىنجاڭدا كۆپ مىللەت توپلاشقان مەھەللە بەرپا قىلدى، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى بېيىتىش ۋە مەھەللە خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كەڭ ئاھالىلەر ئارا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش، مىللەتلەر ئارا يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردى» دېگەن بايانلاردىن يۇقىرىقى مەنزىرىلەرنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى بەرپا قىلىۋاتقان «يېڭىلىق» ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ.
ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي تەشۋىقاتىدىكى «ئارىلاشما» مەھەللە قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچەيتىلىشىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋامى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2023-يىلى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ گويا بىر شاھمات تاختىسى، جەنۇبى شىنجاڭ بولسا بۇ شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى» دەپ يوليورۇق بېرىشى خىتاي نوپۇسىنى جەنۇبقا قاراپ كېڭەيتىشنىڭ يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
دەرۋەقە 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى «ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) نەق مەيدان يىغىنى» قەشقەر شەھىرىدە ئېچىلغانىدى. ما شىڭرۈي يىغىندا قىلغان سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر يوليورۇقىنى تەكرارلىغانىدى. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر 2024-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ بىرى بۇ جايدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
خىتاي نوپۇسىنى جەنۇبقا كۆچۈرۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى
2024-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئۇيغۇر رايونىدا «ئىختىساسلىقلارنى تونۇشتۇرۇش» سىياسىتى ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 19-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «رايونىمىزدىكى نوپۇس تىزىملاش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكىرلىرى» نى ئېلان قىلغان.
ئۇنىڭدا، كۆچمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يەرلىشىشى ئۈچۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىي نوپۇس ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە ئورتاقلىشىشنى تېزلىتىش، شۇنىڭدەك شەھەر-بازارلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتلىرىنىڭ قاپلىنىشىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەنگەن. بۇ يەنە مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، ئاساسىي داۋالاش، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭى ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
«شىنجاڭ قانۇن خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 21-ئۆكتەبىر تارقاتقان «نوپۇس تىزىملاش كۆچۈرۈش سىياسىتىنىڭ مۇلازىمەت باشقۇرۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۇقتۇرۇشى» دا 2024-يىلى «شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشنىڭ سەككىز خىل ئولتۇراقلىشىش ئۇسۇلى» كۆرسىتىلگەن. ئۇلار ئىلمىي ئولتۇراقلىشىش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش، كەسپىي ۋە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆچمەنلەرنى ئائىلىسى، ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئولتۇراقلاشتۇرۇش دېگەندەك تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«يولنى كەڭ ئېچىش ۋە تېز سۈرئەتتە بېجىرىش»
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆچۈپ كېلىشنى خالايدىغانلار مەھەللە ساقچىخانىسى ياكى نوپۇسى تىزىمغا ئېلىنغان ساقچىخانىنىڭ ئائىلە تىزىملاش ئۆيىگە ئىلتىماس سۇنسىلا دائىرىلەر بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، كىنىشكىسىنى قولىغا بېرىدىكەن. دائىرىلەر يەنە خىتايلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى بىللە كۆچۈرۈپ كېلىشىگە يول ئاچقان. كۆچۈپ كېلىش يوللىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگۈچىلەرنى ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن باراۋەر كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، خىتايلارغا جەمەتى بويىچە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىش يوللىرى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 26-ۋە 27-ماي كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك 8-ئومۇمىي يىغىنىدا «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئائىت بىر قانچە سىياسىي تەدبىر» ناملىق بىر ھۆججەتنى ماقۇللىغان. بۇ ھۆججەتتە «جەنۇبىي شىنجاڭ» ئۇقۇمىغا قايتا ئېنىقلىما بېرىلگەن بولۇپ، «جەنۇبىي شىنجاڭ» ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئۇنىڭغا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى يېرىم ھەربىي يېرىم ئىشلەپچىقىرىش گەۋدىسى بولغان بىڭتۈەننىڭ 1-، 2-، 3-، ۋە 14-دىۋىزىيەسى، شۇنىڭدەك بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى «جەنۇبىي شىنجاڭ» ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق بولغان قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ۋە ئاقسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «جەنۇبىي شىنجاڭ» رايونى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلانغانىدى.
ۋىلايەت ۋە شەھەر ئىختىساسلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇش سىياسىتى ھەرقاچان تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش، تولۇقلىما پۇلى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، تۇرالغۇ تولۇقلىمىسى، ئۆي سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى، ماشىنا سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىلشات ئەپەندى خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈش سىياسىتىنى «بىرەر خىتاي كۆچۈپ كېلەلمەي قالمىسۇن، دەپ ئەنسىرەش» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ يېڭى پەللىسى
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رىچاردسون خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا داۋام قىلىۋاتقان «خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈش سىياسىتى» نى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋامى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ بۇ خىل خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە تەدبىرلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قوللىنىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، توختىماي چىقىۋاتقان دوكلات ۋە خەۋەرلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى ھېچ قانداق تاللاش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا مەجبۇرىي ھالدا ئۆز يۇرتلىرىدىن باشقا ياقلارغا كۆچۈرۈپ تارقاقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا. خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا، گەرچە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بەزى يوللۇق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نوپۇسنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈشىگە يول قويۇلسىمۇ، ئەمما چوقۇم خەلقنىڭ رۇخسىتى ئېلىشى، ئۇلار بىلەن كېلىشىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالماسلىق ۋە مۇۋاپىق تۆلەم بېرىشكە ئوخشاش شەرتلەر ئاستىدا تاماملىنىشى كېرەك. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كۆچۈش پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەنلا ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاقىۋەتلىرىنى قىياس قىلماقمۇ تەس.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتىنىڭ ھېچقاچان ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقى ئېنىق. مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا كەڭ كۆلەمدە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامىلىشى بولسۇن ياكى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكىلىشى بولسۇن، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يىلتىزى بىر. يەنى بۇلار شى جىنپىڭ تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىپ لايىھەلەنگەن ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋامى.»
ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى يوقىتىش تاكتىكىسى
ئامېرىكىدىكى تۇڭگان مۇتەخەسسىس ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دۇنيانى چۆچۈتكەن لاگېر سىياسىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەتكە قارشى بىر قاتار باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئەمدى پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا يۆتكەشكە ئاتلانغان. بۇ ماھىيەتتە ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنى ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى كۈچىنى تامامەن ۋەيران قىلىش ئۇرۇنۇشىدەك بىر يېڭى باسقۇچ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى.
«ئەلۋەتتە بۇ بۈگۈنلا پەيدا بولغان سىياسەت بولماستىن، پەقەت ئىلگىرىكى سىياسەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشىدۇر. بىر قانچە يىللاردىن بۇيان شۇنى كۆرۈۋاتىمىز، خىتاي ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، قازاق، تۇڭگان ۋە باشقا مىللەتلەرنىمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. ئۇلار يەرلىك نوپۇسنى سىرتقا چىقىرىش ۋە خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ئارقىلىق رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، مۇنقەرز قىلىشنى كۈچەيتمەكچى. خىتايلار ئۇيغۇر رايونىدا پەقەت نوپۇس جەھەتتىلا ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەپ قالماي، بۇ يەردىكى زېمىن، بايلىق، ئىقتىساد، سىياسەت، قوراللىق كۈچ دېگەندەك تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئاساسلىق كۈچكە ئايلانماقتا. بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
ئۇ بۇ باسقۇچنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەپسىلىي شەرھلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ قانداق بىر باسقۇچ دېگەندە، ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئەڭ قاتتىق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇر مىللىتىنى جىسمانىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن دەپسەندە قىلىش، ئۇلارنى تولۇق كونترول قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىشەنچ ۋە ئىرادىسىنى پۈتۈنلەي سۇندۇرۇپ يوق قىلىش، ئاخىرىدا ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى قويماسلىق ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشتەك بىر باسقۇچتۇر. بۇنى خىتاينىڭ رەھىمسىز ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىدىن ھالسىرىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاجىزلاشقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، غالجىرلارچە ئولجا ئېلىۋاتقان بىر پەيتى دېيىشكە بولىدۇ.»
خىتاينىڭ ھەر بىر سىياسىتى ئۇنىڭ جىنايەت ئىسپاتى
سوفىي خانىم بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاشكارا ئىجرا قىلىۋاتقانلىرىنى خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئىسپاتى، دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ خىل سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويماقتا. يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىپ، كۆچمەن خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى ئاشۇرىدىغان تەدبىرلەرنى قوللانماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆچمەن خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈش جەريانىدا بۇ ھەقتىكى سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەشتۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرگىمۇ تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بەزى مەسىلىلەرگە ئالدىن تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. خىتاي ئىرقى قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۆز جىنايەتلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەيلى قانداق قانۇن ياكى سىياسەت بەلگىلىمىسۇن، بەرىبىر ئاخىرىدا بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارالىق قانۇنلار بويىچە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكنىڭ ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە سورىقى بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايەتلىرىنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»
ما جۈ ئەپەندى زوراۋانلىقنىڭ ھېچقاچان ئاداققى غەلىبىگە ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، نۆۋەتتىكى زۇلۇم ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«ھالبۇكى دۇنيانىڭ بۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازابلىرى ئالدىدىكى سۈكۈتى ۋە ئاجىزلىقى كۆز ئالدىمىزدىكى بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر رېئاللىق. بۇ ھال بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىق كۈچىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىشىگە ۋە غالجىرلىشىشىغا ئاساس سالىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر خەلقى خىتاينىڭ رەھىمسىزلەرچە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە ئۆز ئالدىغا تاقابىل تۇرالايدىغان بىر ۋەزىيەتتە بولمىسىمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇيغۇر خەلقى زۇلۇمغا باش ئېگىدىغان خەلق ئەمەس، بۇ ئادالەتسىزلىك ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدۇ، ئەكسىنچە ئۇلارنى تاۋلايدۇ. ئۇلار ھامان ئۆزىنىڭ غۇرۇرى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچلىنەلەيدۇ. مەن ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلارغا ئوخشاش زۇلۇم چېكىۋاتقان بارلىق خەلقلەرگە بەخت-سائادەت تىلەيمەن.»