«شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ زىيارىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.01.17
Li-qiang-Viola-Amherd-shiwetsariye.jpg شىۋېتسارىيەنىڭ داۋوس (داۋوس) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» گە قاتنىشىشقا كەلگەن خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭ شىۋېتسارىيە پرېزىدېنتى ۋىولا ئامھەرد(Viola Amherd) خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2024-يىلى 15-يانۋار، كەھرساتز(بېرننىڭ يېنىدىكى شەھەر).
REUTERS

شىۋېتسارىيەنىڭ داۋوس (Davos) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» گە قاتنىشىشقا كەلگەن خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭنىڭ شىۋېتسارىيە زىيارىتى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى. لى چياڭ «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» دە سۆز قىلىدىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش جەمئىيىتى» بۇنىڭغا ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار بۇ مەسىلىگە قارىتا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لى چياڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنى باستۇرۇش ساھەسىدە جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، دىكتاتۇرىلىق ئاساسىدىكى بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرىگە خەلقئارالىق مۇنبەردە سۆزلەش ھوقۇقى بېرىشنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق قارىشىغا زىت قىلمىش دەپ كۆرسەتتى.

د ئۇ ق نىڭ رەىسى دولقۇن ئەيسا ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي خانىم خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭنىڭ شىۋېتسارىيە زىيارىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. 2024-يىلى 16-يانۋار.
د ئۇ ق نىڭ رەىسى دولقۇن ئەيسا ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي خانىم خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭنىڭ شىۋېتسارىيە زىيارىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. 2024-يىلى 16-يانۋار.
RFA/Hebibulla Izchi

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ فېدېراتسىيە كېڭىشىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىش ھەققىدە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ياخشىلىنىش بولمىغان ھەمدە بۇ مەسىلە كېلىشىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلمىگەن ئەھۋالدا شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئەركىن سودا قىلىش ھەققىدىكى كېلىشىمىنى يېڭىلىماسلىقى كېرەك» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رىزۋان ئاي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۈگۈن، يەنى 16-يانۋار كۈنى شىۋېتسارىيە دۆلەت رادىيو تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ رادىيومىزغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، «ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئۇتۇقلىرىنى مەدھىيەلەشكە ئادەتلەنگەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ئادىمى لى چياڭ زىيارەتكە كەلگەن جايدا جەزمەن ئۆزى بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كېلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىگە بىر نەچچە تۈرلۈك تەلەپ يوللىغان بولۇپ، بۇ تەلەپلەر «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش»، «چەتئەللەردىكى ئاكتىپلارغا ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىش»، «تۈرمىدىكى تۇتقۇن زىيالىيلارنى ۋە جازا لاگېرىدىكىلەرنى شەرتىسىز قۇيۇپ بېرىش»، شۇنداقلا «مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگىتىشنى خىتاي بىلەن شىۋېتسارىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش» دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي خانىم خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭنىڭ شىۋېتسارىيە زىيارىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. 2024-يىلى 16-يانۋار.

«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان بايانات يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي شەرھلەپ چىققان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خادىملىرىدىن دومىنىكو شارەر خانىم بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى تولۇق قوللايدۇ. بىز شىۋېتسارىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويماسلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ھالدا يېڭىلانغان ئەركىن سودا كېلىشىمىگە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ماددىلارنى قوشۇشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز».

شىۋېتسارىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا سىياسىي، ئىقتىساد ۋە باشقا كۆپلىگەن ئامىللار ئۆزىگە يارىشا رەۋىشتە ئورۇن ئېلىپ كەلگەن. شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى ئەپەندىم بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا شىۋېتسارىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇئەييەن ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

شىۋېتسارىيەدىكى «يېڭى زۈرىخلىقلەر» گېزىتىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، گەرچە پارلامېنت يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ھەققىدىكى تەلەپ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما لى چياڭ بۇ قېتىم يېڭىباشتىن تۈزۈپ چىقماقچى بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى جەريانىدا بۇ يەنىلا مۈشكۈل مەسىلە بولۇپ قېلىشى مۇمكىنكەن. گېزىت تەھلىلىدە ئېيتىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى، يەنى 15-يانۋار كۈنى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش جەمئىيىتى» شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، كىشىلىك ھوقۇق ماددىلىرى كىرگۈزۈلمىگەن يېڭى كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.