شىۋېتسارىيەدە خىتاينىڭ تېمو، ۋىنش ۋە شېيىن قاتارلىق پارچە سېتىش سۇپىلىرىغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش باشلانغان

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.11.19
Temu Shein ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بىر قاتار مۇھىم مەجلىس ئەزالىرىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن خىتاينىڭ شېين ۋە تىمۇ قاتارلىق تور پارچە ساتقۇچىلىرىغا زەربە بېرىدىغان بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلغان.
Photo: RFA

شىۋېتسارىيە تاموژنا ئىدارىسى 14-نويابىردىن باشلاپ خىتاينىڭ شېيىن، تېمۇ ۋە ۋىنش قاتارلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پارچە سېتىش سۇپىلىرىغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش باشلىغان.

شىۋېتسارىيە نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان ياۋروپادىكى ئىككىنچى دۆلەت بولۇپ، شىۋېتسارىيەگە تېمو، شەيىن ۋە ۋىنش ئارقىلىق يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 5.5 مىليون دانە پوچتا يوللانمىسى بۇ خىل تەمىنلەش زەنجىرىدىن كەلگەن.

زۇرىخ تاموژناسىنىڭ باشلىقى تانيا برۇننېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە فېدېراتسىيە تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىشخانىسى زۇرىخ رايونىدا شىۋېتسارىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پوسۇلكا تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

زۈرىخنىڭ بۇخس رايونىدىكى پوچتا يوللانمىلىرى تارقىتىش مەركىزىدە، ھەر كۈنى تەخمىنەن 80 مىڭ دانە پوچتا يوللانمىسى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن.

شىۋېيتسارىيە تاموژنىسى تۇتۇپ قالغان ساختا دورىلار. 2024-يىلى نويابىر.
شىۋېيتسارىيە تاموژنىسى تۇتۇپ قالغان ساختا دورىلار. 2024-يىلى نويابىر.
SRF News

شىۋېتسارىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتە تارقاتقان مەخسۇس خەۋىرىدە، زۇرىخ تاموژنا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تانيا بىرۇننېرنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن:

 «نۇرغۇن شىۋېتسارىيەلىكلەر تور ئارقىلىق مال سېتىۋالغاندا مالنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان يېرى ۋە ئۇنىڭ چېگرادىن قانداق كىرىش ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ. بىز ھازىر چەت ئەلدىن كەلگەن بارلىق پوسۇلكىلارنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن لازېر نۇرىلىق پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈۋاتىمىز. بۇ يىل شىۋېتسارىيەگە چەت ئەلدىن كېلىدىغان پوسۇلكىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، يېڭى رېكورت ياراتتى، ئۆتكەن يىل چېگرادىن كىرگەن پوسۇلكىلار 47 مىليون 300 مىڭ دانە ئىدى، ئەمما بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە چېگرادىن كىرگەن پوسۇلكىلار 55 مىليون دانىدىن ئېشىپ كەتتى».

 «يېڭى زۇرىخلىقلەر» گېزىتى، «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى ۋە باشقا شىۋېتسارىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ سېتىش سۇپىلىرى بولغان تېمۇ، ۋىنش ۋە شېيىنلەرنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى سېتىۋالغۇچىلىرىغا ئەۋەتكەن پوچتا يوللانمىلىرى ئىچىدىن رېتسىپسىز جانلاندۇرغۇچى ھورمۇن دورا، خەتەرلىك بۇيۇم، ساختا ماركىلىق سائەت، قورال-ياراغ، ھەتتا زەھەرلىك ماددا قاتارلىق قانۇنسىز مەھسۇلاتلار بايقالغان. 14-نويابىردىكى شىۋېتسارىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋېزىيەسىنىڭ نەق مەيدان خەۋىرىدە، بەش كۈن ئىچىدە 50 مىڭ دانە پوچتا يوللانمىسىنى لازېر نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە، 692 دانە يوللانمىنىڭ قانۇنسىز بۇيۇملار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

شىۋېتسارىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى «خىتاي-شىۋېتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى» نى بىكار قىلىش ئۈچۈن 2020-يىلىدىن باشلاپ بىرلەشمە پائالىيەت باشلاتقان ئىدى. شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان، بۇنىڭ شىۋېتسارىيە ۋە شىۋېتسارىيە خەلقىنىڭ «خىتاي-شىۋېتسارىيە ئەركىن كېلىشىمى» نىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىۋېيتسارىيە تاموژنىسى تۇتۇپ قالغان شېيىن، تېمۇ ۋە ۋىنش قاتارلىقلاردىن كەلگەن ساختا ماركىلىق بۇيۇملار. 2024-يىلى نويابىر.
شىۋېيتسارىيە تاموژنىسى تۇتۇپ قالغان شېيىن، تېمۇ ۋە ۋىنش قاتارلىقلاردىن كەلگەن ساختا ماركىلىق بۇيۇملار. 2024-يىلى نويابىر.
SRF News

شىۋېتسارىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا «تېمو خەلقئارا سودا ئەخلاقىنى ئاياغ-ئاستى قىلدى» دەپ يېزىلغان. ئادەتتە 62 شىۋېتسارىيە فرانكىدىن تۆۋەن بولغان خىتاي مېلى شىۋېتسارىيەگە باجسىز كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ تېمو، شېيىن ۋە ۋىنش قاتارلىق تەمىنلەش زەنجىرلىرى شىۋېتسارىيەگە ئەۋەتكەن بەزى مەھسۇلاتلارغا ساختا تالون كەسلەنلىكى مەلۇم بولماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە شىۋېتسارىيەدىكى پارچە ساتقۇچىلار قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار خىتاي تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ شىۋېتسارىيەدە ئەرزان باھالىق ۋە ساختا مەھسۇلاتلارنى تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارشى چىقماقتىكەن. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى غەيۇر قۇربان، شىۋېتسارىيەدىن ئىبارەت ب د ت قاتارلىق نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ باش ئىشتابى جايلاشقان دۆلەتنىڭ خىتايدا قۇل ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ياۋروپا بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا بازار بولۇپ بەرمەسلىكىنى چاقىرىق قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرى «تېمۇ» بۇ يىلنىڭ بېشىدا 400 دىن كۆپرەك خەلقئارالىق شىركەت ۋە ئىقتىسادىي گەۋدىدىن تەركىب تاپقان ئەزاسى بولغان شىۋېتسارىيە تىجارەت ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولۇشقا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى بۇ ئۇيۇشما تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى مەلۇم. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىل مايدا بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا خىتاينىڭ پارچە سېتىش سۇپىسى بولغان تېمۇنىڭ قانۇنسىز مال ساتقانلىقى ۋە خەلقئارا سودا ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا قارىتا مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ داۋا ئاچقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.