«لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالى» دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېما بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-10-20
Share
Lugano_Filim-Fetiwali-Dolkun-Eysa.jpg دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شىۋېتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك «لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالى» دا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تونۇشتۇرماقتا. 2020-يىلى 18-ئۆكتەبىر. لۇگانو، شىۋېتسارىيە.
Social Media

7-نۆۋەتلىك «لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالى» 14-ئۆكتەبىردىن 18-ئۆكتەبىرگە قەدەر شىۋېتسارىيەنىڭ لۇگانو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ فېستىۋالنى «لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر ساھەگە مەنسۇپ بولغان 51 ئورگان بىرلىكتە تەشكىللىگەن.

مەزكۇر فېستىۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 16-ئۆكتەبىر شىۋېتسارىيەگە يېتىپ كېلىپلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىنى باشلىغان ھەمدە شۇ كۈنىلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى شىۋېتسارىيە زىيارىتى شىۋېتسارىيە ۋە ئىتالىيە مەتبۇئاتلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان. ئىتالىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى 16-ئۆكتەبىر كۈنىلا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش قىلمىشلىرىغا بارلىق ھۆكۈمەتلەر ئورتاق قارشى چىقىشى كېرەك» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالە «خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدا مۇسۇلمان ئازسانلىقلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بىپەرۋالىقى ۋە غەربنىڭ سۈكۈتلىرى قوينىدا ھېلىھەم داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇرلار پەقەت ئېتىقادى سەۋەبلىكلا زۇلۇمغا، تەنھالىققا، لاگېرلارغا مەھكۇم بولماقتا. بۇ ھەقتە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان. 
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ فىلىم فېستىۋالىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك 25 فىلىم كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ فېستىۋالدا مۇھىم تېما قاتارىدا ئورۇن تۇتقان. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق 3 قېتىم مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. 

«لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ۋىۋىيانا ۋىرا خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇ فېستىۋالدا كۈنتەرتىپنى ئىگىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ فېستىۋالدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر كۈلپەتلەر توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆپ قېتىم ناھايىتى تەسىرلىك نۇتۇقلارنى سۆزلەپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جازا لاگېرلىرىغا مەركەزلەشتۈردى. ھازىرغا قەدەر ئىسپاتلانغان ھۆججەتلەر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ قەبىھلىكتە قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى دەلىللەپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاش يەنە باشقىچە بولىدىكەن. بۇ فېستىۋال گويا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە بېغىشلانغاندەك تەسىرات پەيدا قىلدى».

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ فېستىۋال ئۆتكۈزىلىۋاتقان چوڭ يىغىن زالىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن «لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان پروفېسسور پاۋلو بېرناسكونىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ۋە ئۇيغۇر دوپپىسىنى تەقدىم قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولغان.

ئىتالىيە بىلەن شىۋېتسارىيە چېگراسىغا جايلاشقان لۇگانو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى «لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىچ» غا بىر بۆلۈك ئىتالىيەلىك سىياسەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىمۇ قاتناشقان. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا قىزىقىشى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ھەمدە «ئۇيغۇرلار قانداق ياردەم قىلالايمىز؟» دېگەن تېما ئۈستىدە تالاش-تارتىشلار ئېلىپ بارغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2017-يىلى 7-ئايدا ئىتالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىتالىيە يۇقىرى پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەتبۇئات يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن رىمغا بارغاندا خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ئىتالىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ 2 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە بۇ مەتبۇئات يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. ئۆز ۋاقتىدا ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بۇ ۋەقەدىن كېيىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىتالىيەدىكى پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ باقمىغان. بولۇپمۇ 2019-يىلىدىن بۇيان خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى ئىتالىيەلىكلەرگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ خىتايغا بولغان ئىجابىي قاراشلىرىدا زور ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرگەن. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، خىتايغا قارشى ئېغىز ئاچىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى ئىتالىيەدە بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.