ئۇچتۇرپاندىكى شوخلا زاۋۇتىنىڭ ئامېرىكا قارا تىزىملىكىدىكى خىتاينىڭ COFCO-Sugar شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى
2025.02.07

بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدىكى خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى شوخلا زاۋۇتى، يەنى ئۇچتۇرپان مېۋە ۋە كۆكتات مەھسۇلاتلىرى شىركىتى 2007-يىلى قۇرۇلغان.
زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن دائىرىلەر دېھقانلارنى دەسلەپكى يىللاردا بىرقانچە مىڭ مو يەرگە پەمىدۇر تېرىتقان بولسا، كېيىنكى يىللاردا نەچچە ئون مىڭ مو يەرگە تېرىتقان. خاتىرىلىنىشىچە، 2019-يىلى ئۇچتۇرپاندا 43 مىڭ 220 مو يەرگە پەمىدۇر تېرىلىپ، 168مىڭ 300 توننا مەھسۇلات ئېلىنغان. خىتاي خەۋەرلىرىدە بۇ ئىشلەپچىقىرىشتىكى زور مۇۋەپپەقىيەت دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئەمما رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەھسۇلات مىقدارى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى دېھقانلارنىڭ سەرپىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، دېھقانلار بۇ ئىشلەپچىقىرىشتىن كۆپلەپ زىيان تارتقان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، پەمىدۇر تېرىشتىن قۇتۇلالمىغان.
(COFCO خىتاي ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى سودا گۇرۇھى) نىڭ تور بېتىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، خىتايدا ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان ۋە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا گۇرۇھى بولۇپ، COFCO-Sugar ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارمىقى ئىكەن ۋە مەخسۇس پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ ئۇچتۇرپاندىن باشقا سانجى ۋە قۇمۇلدىمۇ شوخلا زاۋۇتلىرى، ئۈرۈمچىدە ۋاكالەتچى ئىشخانىلىرى مەۋجۇت ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى زاۋۇتى COFCO ئۇچتۇرپان مېۋە ۋە كۆكتات مەھسۇلاتلىرى شىركىتى دەپ ئاتىلىدىكەن. ئىنكاسلاردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى بۇ شىركەت خادىملىرى يەرلىك دائىرىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىدا بەزىدە يېتەكچىلىك، بەزىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىىر كەنت كادىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، يەرلىك ئاھالىلەر پەمىدۇر تېرىشنى رەت قىلغان ئەھۋالدا، مەزكۇر شىركەت خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «تېرىقچىلىق ماھىرلىرى» نى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن ۋە بۇ «ماھىرلار» شىركەت تەمىنلىگەن ئىقتىسادقا تايىنىپ تۇرۇپ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تېرىقچىلىق يەرلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋالغان. ئىماملىرىم يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر شىركەت تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن 3 ئائىلىلىك خىتاي كۆچمەن 7-كەنتتىكى 400 مو يەرنى مەزكۇر شىركەتنىڭ ياردىمى بىلەن سېتىۋالغان. نەتىجىدە ئۆز يەرلىرىگە پەمىدۇر تېرىشنى رەت قىلغان يەرلىك ئاھالىلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ پەمىدۇر ئېتىزلىرىنىڭ ئىشلەمچىلىرىگە ئايلىنىپ قالغان. يەنە بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، ئۇ مەسئۇل كەنتتىكى 10 مىڭ مو تېرىلغۇ يەردىن 3 مىڭ موسى 17 ئائىلىلىك خىتاي كۆچمەننىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن، قالغان 7000 مو يەر بولسا 350 ئائىلىلىك ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قېپقالغان.
COFCO-Sugar شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قىلمىشلىرىدىن خەۋەر تاپقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، مەزكۇر شىركەتنى 2023-يىلى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ ئېمبارگو قويغان.
توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى 80 دىن ئارتۇق دۆلەتكە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىدىغان بۇ شىركەت ئالدىنقى يىلى 300 مىڭ توننا پەمىدۇر قىيامى، 4500 تونا پەمىدۇر تالقىنى ئىشلەپچىقارغان. ھازىرغىچە ئېنىقلاشلىرىمىزدىن بۇ مەھسۇلاتلاردىن قانچىلىك قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا ئېمبارگو قويغاندىن كېيىن، قانچىلىك چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.