ئۈرۈمچىدىكى تىجارەتچى غېنى ھوشۇر ئەپەندى ۋە ئايالى رەيھانسەم ئابلا خانىملار 2017-يىلى 5-ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ، ئامېرىكىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوغلى شۆھرەتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىزا ئالغان. ئەمما بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن ئالغان ۋىزىسى ئۇلارنىڭ شۇ يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرى» غا قامىلىشىدىكى جىنايى پاكىتقا ئايلانغان. ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈمىد باغلاپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىشىنى زارىقىپ كۈتكەن شۆھرەت غېنى ھوشۇر ئەپەندى، 2019-يىلى 5-ئايدا سۈكۈتنى بۇزغان. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا لاگېرغا قامالغان ئاتا ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشقا باشلىغان. شۆھرەت غېنى ھوشۇر ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «لاگېرغا سولانغان ئاتا-ئانىسىنىڭ بىردىن-بىر گۇناھى ئامېرىكا ۋىزىسى ئالغانلىقى، خىتايچە ئوقۇغان ئالىي مەلۇماتلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاتالمىش‹قايتا تەربىيەلەش› كە ئېھتىياجى يوق» لىقىنى بىلدۈردى. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ شۆھرەت غېنى ھوشۇر ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسۇن.
نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان شۆھرەت غېنى ھوشۇر ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 2017-يىلى ئامېرىكىغا ۋىزا ئالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ خىتاينىڭ لاگېرىغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋالنى ئىككى يىلدىن كېيىن ئاشكارىلاش قارارىغا كەلگەنلىكى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ئۆز قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شۆھرەت غېنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2015-يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدىكى ئىللىنوي تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تولۇق كۇرس 3-يىللىقىدىن باشلاپ باكالاۋرلىق ئوقۇشى ئۈچۈن كەلگەن. نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغىنى ئۈچۈن بىر يىلدىن كېيىن باكالاۋرلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئاشۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىدە ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. ئەمما شۆھرەت غېنى، ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كېلىشكە تەكلىپ قىلغان ئاتا-ئانىسى لاگېرغا قامالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ 2018-يىلى 5-ئايدىكى ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ تەبرىكىسىز يالغۇز ئۆتكۈزىدۇ.
شۆھرەت غېنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2017-يىلى ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن بىر يىل ئىلگىرىلا ئاتا-ئانىسىغا تەكلىپ قەغىزى ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى شۇ يىلى 5-ئايدا ئامېرىكىغا كېلىش ۋىزىسىنى ئالىدۇ. ئەمما ئۇلار شۇ ۋاقىتتا تېخى ئامېرىكىغا كەلمىگەن بولۇپ، شۆھرەت غېنى 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلغاندا، ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆزلىشەلمىگەندىن كېيىن، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ.
شۆھرەت غېنى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى كۆرگەن يۇقىرى مەلۇماتلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلىنىش» كە ھېچقانداق ئېھتىياجى يوق. بولۇپمۇ خىتايچە ئوقۇغان دادىسى خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىدىغان كىشى. ئىلگىرى ئاۋسترالىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىرقانچە قېتىم زىيارەتتە بولغان ئاتا-ئانىسىنى دائىرىلەرنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» دېگەندەك ناملاردا لاگېرغا قامىشى ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق كىشىنى قايىل قىلالمايدىغان ئورۇنسىز باھانە. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇڭا دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى لاگېرغا قامىلىشىغا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى يوقلاش ئۈچۈن ۋىزا ئالغانلىقى «ئاتالمىش گۇناھى» بولغان بولۇشى مۇمكىن.
شۆھرەت غېنى ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ بۇ يىل 5-ئاي مەزگىلىدە ئىككى يىللىق سۈكۈتنى بۇزۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ساقچى دائىرىلىرىدىن ئاتا-ئانىسىنى سۈرۈشتۈرگەندە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئالداش ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ژۇرنىلى قاتارلىق تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقانلىقى، شۇنداقلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشتە ياردىمى بولىدۇ دەپ قارىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىلارغا خەت يېزىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ مەسىلىسىنى داۋاملىق ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.