شىۋېتسىيەدە جازا لاگېرلىرى توغرىلىق «نەق مەيدان گۇۋاھلىقى يىغىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئاتا-ئانا، قەۋمى-قېرىنداشلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغاندىن كېيىن 2018-2019-يىللىرى بۇ پائالىيەت يۇقىرى دولقۇن ھاسىل قىلغان ئىدى. 2020-يىلىنىڭ مۇقەددىمىسىدىمۇ گۇۋاھلىق بېرىش ھەرىكەتلىرى كەڭ قانات يېيىشقا باشلىدى.

جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتقان مەركىزى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» ھازىرغا قەدەر 5 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئارخىپىنى خاتىرىلەپ چىققان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ ئورگان سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، توپلىغان گۇۋاھلىق كۆرۈنۈشلىرىنى ئىنگىلىزچە تىللارغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلماقتا ئىدى.

17-يانۋار چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» خادىملىرىنىڭ ئىشتىراكىدا «نەق مەيدان گۇۋاھلىقى يىغىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتتىن ئىلگىرى جۈمە نامىزىدا گۇۋاھلىق ئىشلىرى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىلغان. شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولىم شەھىرىدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىغا قامالغان ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بەرگەن.

«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا بۈگۈنكى بۇ «نەق مەيدان گۇۋاھلىقى يىغىش» پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەت ھەققىدە توختالغان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى بۇ گۇۋاھلىقلارنىڭ خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ھەر تۈرلۈك ئەھمىيەتلىرىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە ئىنسانىي نۇقتىدىن خاتا بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلىدى.

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر «لاگىردىكىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆيلىرىگە قايتقان» لىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش يۈزسىدىن ھازىرغا قەدەر ۋەتەندىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماي كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرماقتا.

«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى «نەق مەيدان گۇۋاھلىقى يىغىش» پائالىيىتىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان باشقا دۆلەتلەردىمۇ قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.