3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسىنىڭ بازار باشقۇرغۇچىلارغا قارشىلىقى ھەققىدىكى سىنئالغۇ خىتايدا چەكلەندى
2016.04.18

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقالغان ئۆز ئائىلىسىنىڭ يايمىسىنى قوغداش ئۈچۈن، قولىغا تاياق كۆتۈرۈپ، خىتاي بازار باشقۇرغۇچىلىرىغا غەزەپ بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى ھەققىدىكى سىنئالغۇ فىلىمى تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىغان. فىلىم ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلار يەنە ئامېرىكا، تۈركىيە، رۇسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تاراتقۇلاردىمۇ بېرىلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ بۇ سىنئالغۇ فىلىمى ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەر-ئانالىزلار خىتاي دائىرىلەر تەرىپىدىن چەكلەنگەن. مۇخبىرىمىز مېھرىباندىن بۇ ھەقتىكى خەۋەر-ئانالىزلار ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلايسىلەر.
18-ئاپرېل يەنى دۈشەنبە كۈنى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، 3 ياشلىق ئۇيغۇر گۆدەكنىڭ، خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا تاياق كۆتۈرۈپ، قارشىلىق قىلغان سىنئالغۇ فىلىمىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىگەنلىكى ۋە بۇ فىلىمنىڭ چەكلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلار كەڭ يەر ئالدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ «خىتايدا ئۆزگىرىش» ناملىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان «3 ياشلىق بالىنىڭ قارشىلىقى خىتاينى ۋەيران قىلامدۇ؟كومپارتىيە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجراچىلىرىنىڭ خەلققە قىلغان زۇلۇمىنى ھەتتا گۆدەك بالىلارنىڭمۇ ھېس قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 3 ياشلىق گۆدەكنىڭ پولات تۇرۇبا كۆتۈرۈپ، بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدىكى سىنئالغۇ كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى.خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى، مەزكۇر فىلىم ۋە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى قامال قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. بۇنىڭدىن كومپارتىيىنىڭ خەلقنىڭ قارشىلىق كەيپىياتىدىن نەقەدەر قورقىدىغانلىقى ئايان بولدى. بەزى تورداشلار 3 ياشلىق بالا كومپارتىيىنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ بېشارىتى' دېيىشمەكتە» دېگەن بايانلار بېرىلدى.
مەزكۇر سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى 14-ئاپرېل يەنى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا يوللانغاندىن كېيىن، فىلىمدىكى 3 ياشلىق گۆدەك، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئانىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىن پەرقلىق بولغان چىرايى، كىيىنىشى ۋە ئانىسىنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ئېيتقان سۆزلىرىدىن بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە يايمىچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، تورداشلار ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى.
مەزكۇر سىنئالغۇ فىلىمى ھەققىدىكى ئانالىز ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە بېرىلگەندىن باشقا بۇ سىنئالغۇ فىلىمى يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى سەھىپىسىدىمۇ تونۇشتۇرۇلدى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆزبېكچە پروگراممىسى، رۇسىيە، ياپونىيە تاراتقۇلىرىدىمۇ مەزكۇر سىنئالغۇ فىلىمى ھەققىدە خەۋەر ۋە خەۋەر ئانالىزلىرى بېرىلدى.
مەزكۇر سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى خىتايدا چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلاردا، مەزكۇر فىلىم ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئانالىزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەردە، بۇ فىلىمنىڭ خىتايدا ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىشىدە قوزغاتقۇچ رول ئوينىشىدىن ئەنسىرەش پەيدا قىلىشتىن باشقا تېخىمۇ مۇھىمى فىلىمدىكى 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى ۋە بۇ ئائىلىنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھەر جەھەتتىن كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقان رېئال ۋەزىيىتى ۋە بۇ خىل قارشىلىق كەيپىياتىنىڭ 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە ئامېرىكا مەرىلەن شتاتىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ما خەييۈن ئەپەندىلەر ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا مەدھىيىلىنىۋاتقان 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسىدىكى شۇ قەدەر قەتئىي قارشىلىق كەيپىياتى ۋە بۇ خىل قارشىلىق روھىغا ئائىت ئىنكاسلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلىپ، مەزكۇر فىلىم ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ قامال قىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى»نى بىلدۈردى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ فىلىم ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەر ۋە ئانالىزلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى چەكلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختالدى.
پروفېسسور ما خەييۈن بولسا، فىلىمدىكى 3 ياشلىق بالىنىڭ قارشىلىق كەيپىياتىدىن باشقا بۇ بالىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن فىلىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ما خەييۈن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «فىلىمدىكى بالىنىڭ ئۇيغۇرلۇقى مېنى قاتتىق ئويغا سالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئىجراچىلىرىغا بولغان ھەرقانداق قارشىلىقى تېررورلۇق بىلەن باغلىنىپ قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە، تولىمۇ كۈلكىلىك بىر كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. ئۇ بولسىمۇ 3 ياشلىق بالا قولىغا پولات تاياقچىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يايمىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن.ئۇ بازار باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ ئۇنى سىنئالغۇغا ئېلىشىغا قىلچە پەرۋا قىلماستىن، نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. فىلىمدا ئەتراپتىكى پۇقرالار ئىچىدە بۇ مەنزىرىگە قاراپ كۈلۈۋاتقانلارنى كۆرىسىز. ئېنىقكى بۇ ئۇيغۇر يايمىكەشكە كىشىلەر ياردەم قىلمىغان،. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىك تېپىۋېلىشتىن قورققان. ئەمما كىشىلەرنىڭ كۈلكىسى ئارىلىرىدا بۇ بالىنىڭ باتۇرلۇقىغا بولغان ئاپىرىن ۋە ماختاش سادالىرىمۇ قوشۇلۇپ كەتكەن. ئامالسىز قالغان بازار باشقۇرغۇچىلار بولسا بالىنى رەسىمگە تارتىش ۋە سىنئالغۇغا ئېلىش بىلەنلا چەكلەنگەن. مانا بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلار سەۋەبىدىن ئەڭ ئەقەللىي بولغان تىرىكچىلىك يولىنىڭمۇ ئېتىلىۋاتقان ئېچىنىشلىق ھاياتىنى ئەينەن ئىپادىلەپ بەرگەن يېرى. شۇڭا مەن فىلىمنى كۆرگىنىمدە كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى. ئەلۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل كەيپىياتتا بولغان بۆلىشى ۋە بۇ بالىدىكى قەيسەرلىكتىن روھى ئوزۇق ئالغان بولۇشى مۇقەررەر شۇڭا دائىرىلەر بۇ فىلىمنى چەكلىدى،» دېدى.
نۆۋەتتە فىلىمدىكى 3 ياشلىق بالىنىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەلىكنىڭ خىتاينىڭ قايسى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەنلىكى ھەم فىلىمدىكى بالىنىڭ ئىسمى ھەققىدە باشقا مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئىنكاسلاردا بۇ بالىنىڭ ئىسمىنىڭ جاپپار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىنكاسلار كۆرۈلمەكتە.
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى 17-ئاپرېل ئېلان قىلغان «جاپپارنىڭ جاسارىتى» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتتا مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك بىلەن تىرمىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان رېئال ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىللە، 3 ياشلىق ئۇيغۇر گۆدەكتىكى جاسارەتكە مەدھىيە ئوقۇلغان.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسىدىكى بۇ خىل قارشىلىق روھى ۋە باتۇرلۇقىغا بولغان ئۆز قايىللىقىنى ئىپادىلەپ، «3 ياشلىق بالىدىكى بۇ خىل باتۇرلۇق ۋە قارشىلىق خىتايلار ئارىسىدىكى ئىنكاسلاردا خىتاي خەلقىنى ھەققانىيەت ئۈچۈن سۆزلەشكە ئۈندىدى، خىتاي خەلقىنى ئويغاتتى» دېگەندەك قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.