دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى پارىژدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.07.13
duq-5-qurultay-yepilish-murasimi-1.jpg دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 13-ئىيۇل، پارىژ.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىكى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە داۋاملاشقان 15 دۆلەتتىن 130 ۋەكىل ۋە باشقىلار ئىشتىراك قىلغان قۇرۇلتاينىڭ 3-كۈنى ھەرقايسى كومىتېتلار بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، نوۋاتېل مېھمانخانىسىدا يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا تەيىنلەنگەن مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىرىنى جاكارلىغاندىن كېيىن قۇران-تىلاۋىتى بىلەن ئاخىرلاشتى. رابىيە خانىم يېپىلىش سۆزى قىلدى.

بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي نەتىجىسىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورگانلىرىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى. د ئۇ نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا كاتىۋاتلىق ئورگىنى تەسىس قىلىندى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كونكرېت خىزمەتلەرگە ئارىلاشمايدىغان،د ئۇ ق سايلىمىدا ئەڭ كۆپ ئاۋاز ئېلىپ د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان ئۆمەر قانات ئەپەندى پۈتۈن خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدىغان بولدى. دېموكراتىك سايلام نەتىجىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىغا بەزى ياشلارمۇ كىردى.

يىغىن نەق مەيدانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە بەزى ۋەكىللەر بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ھەققىدىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-ۋە 2-نۆۋەتلىكى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، 3-نۆۋەتلىكى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 4-نۆۋەتلىكى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.