ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: جەمئىيىتىمىزدىكى خىتاي تەرەپدارلىرى پەسكويغا چۈشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.11.30
kokbayraq-awtraliye-xitay-chaghan-paaliyitide-1.jpg ئاۋسترالىيەدە خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «غەربىي ئاۋسترالىيە-جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت فېستىۋالى» دا ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى چىقارغان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 8-فېۋرال، سېدنىي.
Social Media

ئاۋسترالىيەدىكى بىر قىسىم خىتاي تەرەپدارى ئۇيغۇرلار، بۇ يىل خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدە خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ سېدنىي تىياتىرخانىسىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ فېستىۋالى» ئۆتكۈزگەن. فېستىۋال ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ زالدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چىقىرىشى بىلەن يېرىمىدا توختىغان ئىدى. ئەينى چاغدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابلىمىت سادىق ئۆزىنىڭ خىتاي تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىغان ۋە ئۇنىڭ بۇ مەيدانى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنە قېتىملىق ئاخبارات زىيارىتىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جامائەت ئىچىدە ئاۋازى ئۆچكەن، ھەرىكەتلىرىمۇ پەسكويغا چۈشكەن.

ئۆتكەن ئايدىكى سايلامدا سايلانغان، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بەختىيار بۆرە ئەپەندىلەر ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا، سېدنىيدىكى خىتاي تەرەپدارى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى ئورنى ۋە ھەرىكىتى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابلىمىت سادىق رادىيومىزدا ئۆز مەيدانىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتقان. نەتىجىدە ئابلىمىت سادىقنىڭ خىتاي تەرەپدارى ھەرىكىتىمۇ پەسكويغا چۈشكەن.

مەمتىمىن ئەلا بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە، ئابلىمىت سادىقنىڭ 1960-يىللاردىكى خىتاينىڭ قىزىل تەشۋىقاتىدا مېڭىسى يۇيۇلغانلىقىنى، ئەنە شۇ چاغدىكى زېھنىيەت بىلەن بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قايىل قىلماقچى ياكى قايمۇقتۇرماقچى بولغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىچ-باغرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى، نەتىجىدە جامائەت ئىچىدە يېتىم قالغانلىقىنى بايان قىلدى. بەختىيار ئەپەندى بولسا، ئەگەر خىتاي تەرەپدارلىرى قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، ھەق ۋە ئادالەت يولىنى تاللىسا، جەمئىيەتنىڭ ئۇلارغا يەنە قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ھەر ۋاقىت پەخەس بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، چەتئەلدىكى بىر تۈركۈم خىتاي تەرەپدارى ئۇيغۇرلار يەنە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە دەۋەت قىلىنغان. خەۋەردىكى كۆرۈنۈشلەردىن ھەم يۇقىرىقى ئىككى پائالىيەتچىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر زىيارەت ئۆمىكىدە سېدنىيدىن قاتناشقانلار بولمىغان. ئابلىمىت سادىق ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھەر قېتىملىق زىيارەت ئۆمىكىدە باش رەتتە ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.