مەمەت توختى ئەپەندى: ئۇيغۇرلار دىن بىلەن سەنئەت مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كەلگەن، خىتاينىڭ يېتەكلىشىگە ھاجەت يوق
2015.01.01

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم ياش دىنىي زاتلار بەزى چاغلاردا كىشىلەرنىڭ توي-تۆكۈنلەردە نەغمە-ناۋا قىلىشىنى توسماقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ توي-تۆكۈنلەرنى نەغمە-ناۋا بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنى ناخشا، ئۇسۇلغا رىغبەتلەندۈرمەكتە.
بۇ زىتلىق ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان دىن بىلەن سەنئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ يېتەكلىشىگە ھاجىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى نەزەردە تۇتقان ھالدا بىر تۈركۈم ياش دىنىي زاتلارنىڭ كىشىلەرنى نەغمە-ناۋادىن توسۇشىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.