دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى 2018-يىللىق پائالىيەتلىرى ۋە 2019-يىللىق پائالىيەت پىلانلىرى توغرىسىدا توختالدى.
بۈگۈن د ئۇ ق رەھبەرلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2018-يىللىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى خۇلاسىلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە د ئۇ ق نىڭ 2019-يىللىق پائالىيەت پىلانلىرى توغرىسىدىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ئالدى بىلەن خىتاينىڭ 2018-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زۇلۇم سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىسمەن بولسىمۇ جازا لاگېرلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا قىزىق تېما ھالىغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان كۈچلۈك قارشىلىقلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە 2019-يىللىق پائالىيەت پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، 2019-يىلى دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ 2019-يىلى يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە د ئۇ ق نىڭ 2019-يىلى سىياسىي كۈرەشلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش پىلانلىرىنى تۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە غەرب دېموكراتىك ئەللىرى، ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك ئالىمىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ 2019-يىلى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00