دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مالايسىيادىكى زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.01.16
duq-malaysiya-rehber-3.jpg د ئۇ ق نىڭ تولۇق ھاۋالىسى بىلەن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى مالايسىيادىكى زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدىمۇ مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى. 2019-يىلى 16-يانۋار.
Photo: RFA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مالايسىيادىكى زىيارىتىنىڭ 3-كۈنىدە يەنە بىر قىسىم مۇھىم پائالىيەتلەردە بولغان. مالايسىيادىكى 18 مۇستەقىل ئورگاننىڭ ئورتاق قوللىشى ئاساسىدا «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» قۇرۇش قارار قىلىنغان.

مالايسىيادىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەكلىپى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ۋە د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن قاتارلىقلار مالايسىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىدى. ئۇلار زىيارىتىنىڭ 3-كۈنىدىمۇ بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولغان. بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 3-كۈنىدىكى زىيارىتىدە يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۇچراشقان. بۇ پارلامېنت ئەزاسى خانىم ئۆزىنىڭ مالايسىيا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش گۇرۇپپىسى» قۇرۇش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يەنە ۋە شۇنداقلا مالايسىيادىكى 18 مۇستەقىل ئورگاننىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن. بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر ھەرىكەت پىلانى ماقۇللانغان.

مەزكۇر 18 ئورگان يەنە پات ئارىدا «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» قۇرۇش قارارىنىمۇ ماقۇللىغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مالايسىيادىكى بىر قىسىم ياشلار تەشكىلاتلىرى بولسا بىرلىكتە «ئۇيغۇرلارغا خىزمەت قىلىش گۇرۇپپىسى» قۇرۇپ، ئاللىقاچان پائالىيەتلىرىنى باشلاپ بولغان ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مالايسىيادىكى زىيارىتىنىڭ 3-كۈنى ۋە شۇنداقلا ئاخىرقى كۈنىنى مانا مۇشۇنداق ئاياغلاشتۇرۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىگە يۈرۈپ كەتكەن.

ئۇلار زىيارىتىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۈنلىرىدە مالايسىيادىكى بىر قانچە مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان ئورگانلار ۋەكىللىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە مالايسىيادىكى خىتاي مۇسۇلمانلىرى تەشكىلاتلىرى، زىيالىيلار قاتارلىق ھەرساھە زاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.