رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە سەپىرى ھەققىدىكى بەزى ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇردى
2016.05.16
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 24-مايدىن باشلاپ ياپونىيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ھەققىدە ياپونىيە تور بەتلىرىدە تۈرلۈك ئىنكاس ۋە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە بىر قىسىم جاۋابقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 24-مايدىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ياپونىيە تور بەتلىرىدە تارالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە سەپىرىنى تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بارغان بىر قانچە كۈنلۈك زىيارىتىدىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلىدىغان زىيارەت بولغاچقا، دالاي لاما بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنى بەلكىم، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيەدە 26-ماي باشلىنىدىغان تەرەققىي قىلغان يەتتە دۆلەت يىغىنى مەزگىلىگە مەقسەتلىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن دەپ قارىغان ۋە بۇ ھەقتە بىر قىسىم سىياسىي مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزگەن.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن ئۆزىنىڭ ياپونىيە سەپىرى ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن دالاي لامانىڭ 9-ماي ئوساكادا ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ن ھ ك نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن بەزى بايانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە دالاي لاما بىلەن ئۆزىنىڭ ياپونىيە سەپىرى ھەققىدە توختالدى.
42-قېتىملىق تەرەققىي قىلغان يەتتە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى 26-ماي باشلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 25-ماي توكيودا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىشى توغرىسىدىمۇ ياپونىيە تور بەتلىرىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كۆپلىگەن ياپونلار رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاساسلىق نېمەلەر توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بارغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم بۇ خىل ئىنكاسلارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە،27-ماي ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاتوم بومبىسى تاشلانغان ياپونىيەنىڭ ھىروشىما شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان كۈندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توكيودا خىتاينىڭ يادرو سىناقلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەيدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.